تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاش ئاياغلاشتى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاش ئاياغلاشتى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاش ئاياغلاشتى،شىنجاڭدىن 30مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېمتىھانغا تېزىملاتتى

 

 

         مەركەز ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا 2014-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 24-ئۆكتەبىر سائەت 18دە ئاياغلاشتى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 1 مىليون 404 مىڭ ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، شىنجاڭ رايونىدىن تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشتى. ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 8000دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ج خ سىستېمىسىغا تىزىملاتقانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، نۆۋەتتە 5000دىن ئاشقان. بۇ يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان ئون خىزمەت ئورنى ئىچىدە، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى(كود 0701857010) خىزمەت ئورنى 2211:1 يۇقىرى نىسبەت بويىچە 4-ئورۇننى ئىگىلىگەن.

         بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل 1000 ئادەم ئاز قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتىمۇ بىر كۈن ئازلىتىلغان، بىراق، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولغان.

          يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا يەنە ئاز بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرى ‹‹سوغۇق نەزەر››گە ئۇچرىغان، 131 خىزمەت ئورنىنى ھېچكىم ‹‹سوراپ قويمىغان›› بولۇپ، بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىمتىھان رايونىدىكى ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسى، شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بەش ئورۇننىڭ ھەر بىرىدىكى بىر خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان، جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئىككى ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز