ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلار تاماق يېگەندە دېگۈدەكلا لەۋ سۇرۇخنى سۈرتۈشكە ئادەتلەنمىگەن، مانا بۇ شەك-شۈبھىسىز سالامەتلىككە زىيانلىق. لەۋ سۇرۇقىنىڭ ئاساسىي تەركىبى قوي مېيى، موم ۋە بوياق، شۇنداقلا كۈچلۈك پىگمېنتلاردىن تەركىب تاپقان. ئىلگىرى بازاردا سېتىلىدىغان ھەرخىل لەۋ سۇرۇخلارنىڭ تەركىبىدە تاش كۆمۈر مېيى، بوياق ماتېرىيالنىڭ مىقدارى يېمەكلىكلەردىكى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. تاش كۆمۈر مېيى راكنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەم بەدىنىدىكى جىگەر، بۆرەككە نىسبەتەن ئېغىر زىيانلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، لەۋ سۇرۇققا ھاۋادىكى ھەر خىل باكتېرىيىلىرى چاپلىشىپ، تاماق يېگەندە تاماق بىلەن بىللە ئېغىزغا كىرىپ، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.