ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
دورا مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: يۆتەل توختىتىش قىيامىنى ئىچكەندە كېكىردەكتە بىر قەۋەت قوغداش پەردىسىنى ھاسىل قىلىپ، زۇكامدىن پەيدا بولغان چىقىرىندى ماددىلارنىڭ كېكىردەكنى غىدىقلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر قىيامنى ئىچىپ بولۇپلا سۇ ئىچسە، قوغداش پەردىسى بۇزۇلۇپ كېتىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئاغرىقلارغا بېرىدىغان تەكلىپىمىز شۇكى، يۆتەل توختىتىش قىيامىنى ئىچىپ بولۇپ ئون مىنۇتتىن كېيىن بىر يۇتۇم، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىككى يۇتۇم سۇ ئىچسە قىيامنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن يۆتەل توختىتىش قىيامىدىن باشقا دورا قىيامىنى سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. مەسىلەن، قىزىتما ياندۇرۇش قىيامىنى ئىچكەندىن كېيىن چوقۇم قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ، تەرلىنىش ئارقىلىق قىزىتما ياندۇرۇش زۆرۈر.