ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بارلار دورا بىلەن داۋالىنىشتىن باشقا كاپۇستا شىرنىسى ئىچىپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: كاپۇستىنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ مېۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ، ئازراق سوغۇق قايناق سۇ قۇيۇپ سىقىمىز ياكى كاپۇستىنى ئۇششاق چاناپ داكىغا يۆگەپ سىقىمىز. سىقىپ چىقارغان كاپۇستا سۈيىنى ئاچ قورساق ئىچسە بولىدۇ.