ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ھەممە نەرسىنى رەتلىك، جايى-جايىدا قويىدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ھەممە نەرسىنى قالايمىقان قويىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ ھورۇنلۇشۇپ كەتكىنى ئەمەس بەلكى ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللىرىنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى كۆرۈشنى، ئاياللارنىڭ ۋايسىشىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر بۇنى بىر خىل بەخت دەپ ھېسابلايدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاغرىپ قالسىمۇ ئىمكانقەدەر مىدىرلايدۇ، بولالمىغاندا دوختۇرخانىغا بارىدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن كىچىككىنە بىر يېرى ئاغرىپ قالسىمۇ ئايالىغا ئېيتىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ نازۇكلىشىپ كەتكىنى بولماستىن، بەلكى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان ۋە جىددىلەشكەن ھالىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر بۇنى بىر خىل بەخت دەپ ھېسابلايدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزى يالغۇزمۇ غىزالىنىۋېرىدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ئەرلەر ئايالىنىڭ قورسىقى ئاچمىسىمۇ يېنىدا بالىسىغا قارىغاندەك قاراپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر بولسا بۇنىمۇ بىرخىل بەخت دەپ ھېسابلايدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى قانچە ھېرىپ كەتسىمۇ ۋايسىمايدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ھېرىپ كەتمىسىمۇ ھېرىپ كەتتىم دەپ، ئاياللىرىنىڭ شۇ پاختىدەك يۇمشاق قوللىرى بىلەن بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر بۇنى بىرخىل بەخت دەپ ھېسابلايدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاياللارنىڭ يىغلىشنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئېرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ قايغۇسىغا جۆر بولالمايدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ئاياللارنىڭ قايغۇرغان ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى قۇچاقلىشىغا، ئۇلارنى يۆلەنچۈكى بارلىق تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاياللار رومانتىكلىقنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارايدۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان رومانتىكلىقىنىڭ بولسا ئۆزى سۆيگەن ئېرى بىلەن تەڭ ياشاپ، تەڭ قېرىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئەرلەر تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى پەقەت ئوغۇل بالا، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەركەك بولىدۇ.