تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى شىنجاڭدىن 28 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى بۇ يىل شىنجاڭدىن 28 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 5-ئىيۇن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسور جوۋ شۇاڭچۈەن مۇنداق دېدى: 28 پىلان ئىچىدە، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ھەر قايسىسىدىن 12 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى شاڭخەي تىببىي ئىنىستىتۇتىغا 4 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. تەبىئىي پەندىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېماتېكا كەسپىگە بىر نەپەر، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبە سىنىپىغا تۆت نەپەر، تېخنىكا ئىلمى تەجرىبە سىنىپىغا 3 نەپەر؛ ئىجتىمائىي پەن: جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئىلمى كەسپىگە ئىككى نەپەر، جەمئىيەتشۇناشلىق ئىلمى تەجرىبە سىنىپىغا 3 نەپەر، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبە سىنىپىغا ئىككى نەپەر، قانۇنشۇناسلىق كەسپىگە بىر نەپەر، خەنرۇ ئەدەبىياتى كەسپىگە بىر نەپەر، تارىخ ۋە پەلسەپە كەسىپلىرىگە بىر نەپەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ شاڭخەي تىببىي ئىنىستىتۇتى كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە (8 يىللىق) ئۈچ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە (بەش يىل) بىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  پىروفېسور جوۋ شۇاڭچۇەن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پەقەت شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ياخشى بولسىلا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىللىق فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدا تۇنجى قېتىم ئايرىم ۋاكالەتچىلىك نومۇرى ئىشلىتىلدى. ئارزۇ تولدۇرغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتىغا تېزىملىتىشنى ئارزۇ قىلسا، 9-ئىيۇن بىڭتۇەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز