تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەتىگەنلىك تاماق يېمەي ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

 نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياشلىق سېمىز كىشى ياكى سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەۋاتقانلار(بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار) ئاساسەن تاماق جەھەتتە ‹‹مىقدارىنى ئازايتىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمەيدۇ، ئۇنداقتا ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمىسە، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولامدۇ؟ تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 85 كىلوگىرام كېلىدىغان ھەم ھەر كۈنلۈك يېمەكلىكىنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارى 2000 كالورىيە ئەتراپىدا بولغان 160 ئايالنىڭ ئىككى خىل ئۈچ ۋاخ تامىقىنىڭ نىسبىتىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان: ئۇنىڭ بىر خىلى ئەتىگەنلىك تاماق %10، چۈشلۈك تاماق %45، كەچلىك تاماق %45؛ يەنە بىر خىلى ئەتىگەنلىك تاماق %30، چۈشلۈك تاماق %50، كەچلىك تاماق %20 نەتىجىدە ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مىقدارى ئاز بولغان تۈردىكىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئەتىگەنلىك تاماق ئىستېمال قىلغانلارنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %30 ~ %40 يۇقىرى بولغان، ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگۈچىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %4~%5 تۆۋەنلەپ كەتكەن، يەنى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەنلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، بەدەندە ساقلىنىدىغان ياغ 10~15 قاداق ئېشىپ كەتكەن.

    ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8~12 ئەتراپىدا بولۇپ، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئىچىدە ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا بولغان تەسىرى ئەڭ كىچىك، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا بولغان تەسىرى ئەتىگەنلىك تاماقنىڭكىدىن چوڭ، ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەنلەرنىڭ چۈشلۈك ۋە كەچلىك تامىقى نىسبەتەن كۆپرەك بولىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەنلەر سەمرىپ كېتىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز