بۇرۇنقى يان تېلېفون ماگناتى نوكىيا ئالدىنقى ئايدا ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما نوكىيا بىلەن مىكروسوفت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم بولغانلىقتىن، نوكىيا 2016-يىلنىڭ ئاخىرى تېلېفون كەسپىنى رەسمىي قوزغىتىشى مۇمكىن.
يېقىندا تاراتقۇلار نوكىيانىڭ بىر ئېكران قۇلۇپى پاتېنتىنى ئاشكارىلىۋەتتى، مەزكۇر پاتېنتتا ئېكران قۇلۇپلاقلىق ھالەتتە تېز سۈرئەتتە رەسىم، كامېرا ۋە مىكروفون قاتارلىق ئىقتىدارلىرىغا كىرەلەيدىكەن. بۇ ئىقتىدارلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلاتىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ.
بۇ خىل پاتېنت نوكىيانىڭ ئاندىرويىد تېلېفونىغا ئىشلىتىلىشى مۆلچەرلىنىپتۇ، ئەگەر بۇ خىل تېخنىكىنى نوكىيانىڭ يېڭى تېلېفونىغا ئىشلەتكەندە، نوكىيانىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇشتا ئۈمىد بار ئىكەن.