ئىشىك چەككەن بىر قاقشال دەرەخ
مەرھابا مەمەت دىلئۇز
ئىشىك قاقتى بىر قاقشال دەرەخ،
بۇلاق ئىزدەپ كەپتۇ ئۆيۈمگە.
بىراق، ئۆيۈم تاقاقلىق بولغاچ،
كەتتى تەگمەي لېۋى سۈيۈمگە.
بىراق، شۇندىن بېرى بىمارمەن،
ئۇ ئەسلىدە يۇقۇملۇق ئاغرىق.
يۈرەكلىرىم قۇرۇپ بارماقتا،
قاقشاللىققا بېرىپ چاقىرىق.
ئۇ ئارماندا كەتكەن شۇ كۈنى،
ئىشىك تۈۋى نەمدىلىپ قاپتۇ.
قاقشال دەرەخ يېغلاپتۇ ئۈنسىز،
ئۇنى قىسمەت ھىجرانغا ساپتۇ.
ياش تۆككەنچە كېتىپ قاپتۇ ئۇ،
قاقشاللىقنى يۈدۈپ يىراققا.
خۇرجۇنىدا ئېلىپ كېتىپتۇ
يۈرۈكۈمنى، سېلىپ پىراققا.
يۈرۈكۈمنى ئىزدىشىم كېرەك،
قاقشال دەرەخ كەتكەن قەيەرگە؟
مەنمۇ بولاي دەپ قالدىم قاقشال،
شىپا ئىزدەپ باراي شۇ يەرگە.
شىۋىرغانلار كۆرەڭلىمەكتە،
نازۇك تېنىم بېرەرمۇ بەرداش.
:〈قاقشال دەرەخ، مېنى ساقلاپ تۇر،
بولاي دەيمەن ساڭا سەپەرداش……〉
خىتابىمنى يەتكۈزسۇن يۇلتۇز،
ياكى كۆكتە ھىلال قېشىم ئاي.
ئەي ياپراقلار ئېيتىپ بېرىڭلار
مەنزىلىمنى ، ئۇلارنى تاپاي.
…………
قاقشال دەرەخ،قاقشال يۈرەك،
ياشارتقۇسى ئېزگۈ تىلەك!