تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شەنبىلىك چاخچاقلار...

شەنبىلىك چاخچاخقلار...

 

مۇڭدىشىش

 

گۈلزار:مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟

بۈركۈت:ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن.

گۈلزار:ئەگەردە سىزدىن بۇرۇن ئۈلۈپ كىتىپ قالسام قانداق قىلىسىز؟

بۈركۈت :ئازاپلانغىنىمدىن ساراڭ بولۇپ قالىمەن.

گۈلزار:قايتا ئۆيلىنەرسىزمۇ؟

بۈركۈت:بۈنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس(ساراڭ)دا نىمە گۇناھ؟

 

 

ئەدەپ

 

(مىنىڭچە بىر ئادەم زىياپەتتەئولتۇرۇپ ،-سورۇن ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا كىتىپ قېلىش تولىمۇ ئەدەپسىزلىك)دەپتۇ ئەخلاق.

-راس دەيسىز،دەپتۇ ئابدۇللا ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا،مەن ئادەتتە ساھىپخان قوغلىمىغۇچە ھەرگىز كەتمەيمەن.

 

مۇھەببەت ئوقى

 

مۇھەممەت ئوغلى ئۇكاشقاغەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى.

-بىرلا ۋاقىتتا تۆت قىز بىلەن يۈرۈپسەن،بۇ قانداق گەپ؟

ئۇكاش بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ كىتىپ:

-مەنمۇ بىلمىدىم،قارىغاندا مۇھاببەت ئىلاھى باشقىلارنى تاپانچا بىلەن،مىنى ئاپتۇمات بىلەن ئېتىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ.

 

 

دەل جاۋاپ

 

تۇزلۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېدڭى چىققان كىتابىنى ئىمزا قويۇپ سېتىۋاتقان ئىكەن،مۇسلىمە قىز بېرىپ سوراپتۇ.

-سىز كىتابىڭىزدا ئاياللار بىر كىتاپ دەپ يېزىپسىز،ئۇنداقتا ماڭا ئۇخشاش قىزلار قانمداق كىتاپ ھىساپلىنار؟دەپ سوراپتۇ

تۈزلۇق كۈلۈپ كىتىپ،

-سىز توپلام ھىساپلىنىسىز،دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.

 

 

سېنىڭ كاساپىتىڭ

 

ياسىنجاننىڭ ئوغلى ئەكبەرجاننىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن،بۇ قېتىممۇ ماتىماتىكا ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەپتۇ،ئاچچىقى يامان ئاپىسى يۇلتۇز ئۇنىياتاق ئۆيىگە سۇلىۋېلىپ تازا ئەدەپلەپتۇ،

ھەممە گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ياسىنجان سەبى يۈرىكى ئازار يەپ ئوغلىغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ،ئاپىسىدىن بولىشىغا دەشنەم يىگەن ئەكبەرجانغا قاراپ،

-ئاپاڭنىڭ گېپىنى كۆڭلۈڭگە ئالما،دىيىشىگە ئەكبەرجان ئاچىقلانغان ھالدا:

ھەي! ئاشۇنداق ھازازۇل بىشەمنىمۇ خوتۇنلۇققا ئالامسەن؟دەپ ۋارقىراپتۇ.

 

مەن ئاپامنى دورايمەن

 

ئەكبەر چوغلۇق بىلەن شىرىن توي قىلماقچى بوپتۇ،ئەكبەر چوغۈلۇق شىرىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندە،ئۇلارنىڭ بىر -بىرىگە كۈيىنىشى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىپتۇ،ئۇ شىرىنگە قاراپ:

-ئۇلار بىر -بىرىگە بەك كۈيىنىدىكەن،ئاپىڭىز تېخى ئورنىدىن تۇرمىغاندا دادىڭىز ناشتىلىق تەييارلاپ ئالدىغا ئېلىپ كىلىدىكەن،سىز ئائىلىڭىزنىڭ مۇشۇ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلالارسىزمۇ؟

-ئەلۋەتتە،بىراق مەن ئاپامنى دورايمەن.

 

 

سوقۇر ئۈچچەي

 

بىكەت باشلىغى تاھىرجان بىرىلىپ تورداش تورىدىكى تىمىلارنى كۆرۇپ ئولتۇرۇپتۇ،ئايالى بولسا كىنو كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ،بىر چاغدا ئىكراندا بىر جۈپ ئاشىق- مەشۈق پەيدا بوپتۇ،يىگىت قىزغا قاراپ(سۈيۈملۈگۈم،مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۆز بەدىنىمنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قاراپ كەلدىم)دەپتۇ،

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلىنىپ كىتىپ تاھىرجانغا:-ھەي،سىز مىنى قاچان ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ بىر ئەزاسى دەپ باققان؟دەپتۇ.

تاھىرجان ئالدىراش تىما تەھىرلىۋاتقان بولغاچقا دىققەت قىلماي ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ.

-ھەي ،مەنسىز گە گەپ قىلىۋاتىمەن،مەن سىزنىڭ قاسى ئەزايىڭىز؟

تاھىرجان ئويلانمايلا جاۋاپ بىرىپتۇ.

-سوقۇر ئچچىيىم!

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز