ئاۋسترالىيە فىلورېي نېرۋا ئىلمى ۋە يۈرەك ساغلاملىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا سۇنى كۆپ ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار 20 ساغلام ئەر-ئايالنى سىناققا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى ۋېلىسىپىت بىلەن بىر سائەت چېنىقتۇرغان، ئاندىن ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنى تەسۋىرىي سۈرەتكە ئېلىپ، مېڭىشنىڭ ئوخشىمىغان دائىرىدىكى قان سۇيۇقلۇق مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تۇنجى قېتىملىق تەسۋىر ئېلىش جەريانىدا، بۇ كىشىلەر چېنىقىش جەريانىدا ئۇسسىغانلىقتىن سۇ ئىچكەن؛ ئىككىنچى قېتىملىق تەسۋىرگە ئېلىش جەريانىدا بۇ كىشىلەر ئۇسسۇزلۇقى بېسىلغان بولسىمۇ يەنە سۇ ئىچكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئىككى قېتىملىق سۇ ئىچىش ھېسسىياتىمۇ خاتىرىلەنگەن. تۇنجى قېتىم سۇ ئىچكەندە كىشىلەر راھەتلەنگەندەك ھېس قىلىشقان، ئىككىنچى قېتىمىدا بىئارام بولغان.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئارتۇق سۇ بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ، ھەتتا مېڭە سۇلۇق ئىشقىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى ئىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى