تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاتقا سالما تاشلاش

مېھرىئاي ئىمام

پىراقنىڭ كۈلپىتى ساقىغان نۇردا

ئىشقنىڭ لەززىتى، ئارمىنى باردۇر.

تۇياقلار كىشنىگەن ئاساۋ تۇيغۇدا

لەۋ ياققان يايلاقنىڭ ۋىسالى باردۇر.

قامچاڭدىن تۆكۈلەر تاغلىق ھاياجان،

تاغلارنى تىترىتىپ يايرىغان دەمدە.

تاشلىغان سالماڭنىڭ سەلتەنەتلىرى

چاراسلار بوشلۇقتا، ئويناق سۈبھىدە.

سەن بىلەن ئۈلپەتتۇر تىركەشكەن ئولجاڭ

دېڭىزدەك دولقۇنلاپ باقار يولۇڭغا.

ۋاقىتنىڭ نۆللىرى سۆيۈشكەن دەقىق

قەلبىڭدە تۈنەيدۇ ياپيېشىل دۇنيا.

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز