ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: تاماقتىن كېيىن بىر نەشپۈت يېسە ياكى بىر ئىستاكان نەشپۈت شەربىتى ئىچسەش ئۇ بەدەندە تۇرۇپ قالغان زەھەرنى ھەيدەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاماقتىن كېيىن نەشپۈت يېيىش بەدەنگە يەنە مۇنداق پايدىلارنى بېرىدۇ:
ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. نەشپۈتنىڭ تەمى مۆتىدىل،شۇڭا ئۆپكىنى تازلاپ ياشارتىدۇ. يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، مۇسكۇلنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا گال قۇرۇش، قىچىشىش، ئاغرىش، ئاۋاز پۈتۈشكە پايدا قىلىدۇ.
ئاشقازان ۋە ئۈچەينى كۈچەيتىدۇ. نەشپۈتتە يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن مول بولۇپ، شۇڭا ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننىڭ ئەڭ ياخشى «تازلىقچىسى» بولىدۇ. سىرتنىڭ تاماقلىرى ئاساسەن تەمگە ئېتىبار بېرىدۇ، ياغلىق، ئاچچىق-چۈچۈك كېلىدۇ، شۇڭا ئادەمنى ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. ناۋادا سىرتتا تاماق يېگەندىن كېيىن بىر ئىستاكان نەشپۈت شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندە تۇرۇپ قالغان زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمگە قەۋزىيەتمۇ يېقىن كەلمەيدۇ.
جىگەرنى قوغدايدۇ. نەشپۈتتە كۆپ خىل قەنت، ۋىتامىن بار. شۇڭا جىگەرنى قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ، بولۇپمۇ ھاراققا ئامراق كىشلەرگە بەك ياقىدۇ.
قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. نەشپۈتتە قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ، قىزىتمىنى قايتۇرۇدىغان ئىقتىدار بار، قان بېسىمى يۇقىرى، يۈرەك كېسىلى بار، جىگەر ياللۇغلانغان ۋە قاتقان كىشىلەر دائىم نەشپۈت شەربىتى ئىچىپ بەرسە، چوقۇم پايدىسىنى كۆرىدۇ.