تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
iPhone 6S نىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى: ھال رەڭلىك!


ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد ئايفونىنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە يەنە ئۈچ ئايغا يىقىن ۋاقىت بار بولسىمۇ، ئەمما، لايىھەلەش جەھەتتە تالانتى بار ئۇستىلار قەتئىي «تەخىر قىلالمىغان»،  قارايدىغان بولساق، ئۇلار بەس-بەس بىلەن بارلىق تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى ئايفوننىڭ لايىھەسىنى ئېلان قىلماقتا.

تۈنۈگۈن، Kiarash Kia ئىسىملىك بىر لايىھە ئۇستىسى iPhone 6S نىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئۇقۇم لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، iPhone 6S نىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان ھەرخىل ئۇقۇم لايىھەلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىمقىسى 2D يەنى تەكشىلىكتە لايىھەلەنگەن رەسىم بولۇپ، قارىماققا ئانچە راستەك تۇيۇلمايدىكەن.

بۇ رەسىمدىكى iPhone 6S نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا ئەتىرگۈل رەڭلىك لايىھە قوللىنىلغان، يانفون گەۋدىسى مېتالدىن ياسالغان، ئېغىرلىقى 140 گىرام، قىلىنلىقى بولسا 7.1 مىللىمېتىر ئىكەن.

Kiarash Kia يەنە بۇ يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان:

ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يانفونغا تىپلىق 5.2 دىيۇم چوڭلۇقىدىكى IPS ئېكران ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 720p گە يېتىدىكەن، A9 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئارقا يۈزىگە 12 مىليون پىكسىللىق ئاساس كامېرا، ئالدى يۈزىگە ئۈچ مىليون 200 مىڭ پىكسىللىق قوشۇمچە كامېرا ئىشلىتىلگەن، باتارىيە سىغىمى 2050 مىللىئامپىرغا يېتىدىكەن.

ئۇزار تورىنىڭ تورداشلارغا دەيدىغىنىمىز، بۇنىڭغا ئوخشاش لايىھە رەسىملىرىنى پەقەت ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن كۆرۈپ قويساق بولىدۇ، ئەگەر باشقىچە ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنداقتا كىيىنكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان iPhone 6S نىڭ شەكلى ھازىرقى iPhone 6بىلەن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەسلىكى مۇمكىن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز