تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(30)
سېتكا توپ سارىيى پارتلاش دېلوسى
چىڭشەن مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن دەرسى بولمىغاچقا ئۇ سېتكا توپ پالىقىنى ئېلىپ سېتكا توپ سارىيىغا كىرىپ مەشىق قىلماقچى بولدى. دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سېتكا توپ سارىيى جىمجىت بولۇپ، چىڭشەندىن باشقا ئادەم يوق ئىدى.
ئۇ مۇلازىمەتخانىدىن ئىككى تال توپ ئېلىپ، مەشىق قىلىشقا باشلىدى.
تۇيۇقسىز «گۇم» قىلغان پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى، سارايغا قاراۋاتقان ئادەم پارتلاش ئاۋازىدىن چۆچۈپ كېلىپ قارىۋىدى، چىڭشەن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنىدى. نەق مەيداندىن قارىغاندا كىچىك تىپتىكى قول بومبىسىغا ئوخشاش نەرسە پارتلىغان بولۇپ، چىڭشەننىڭ قورسىقى بىلەن پۇتى پارتلاپ كەتكەنىدى، نەق مەيداندا بىر تال پالاق تۇراتتى، يەنە بىرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، جىنايەتچىنىڭ ئاياق ئىزىمۇ يوق ئىدى. بۇ مەيداننىڭ ئەتراپى سىم بىلەن ئېگىز قىلىپ قورشالغان بولۇپ، سىرتتىن قول بومبىسى تاشلاش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى.
قاتىل زادى قانداق قاتىللىق قورالى بىلەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (29) نىڭ جاۋابى:
ماي قەلەم يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ۋە ماينىڭ ئېقىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ياسىلىدۇ. ئەگەر شىيۈەننىڭ ئىنىسىنىڭ دېگىنىدەك بولسا، ماي قەلەمدىن ماي ئاقماي بىرنەچچە قۇر خەتنىمۇ يازغىلى بولمايدۇ. جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان بىر بىمارنىڭ ماي قەلەم بىلەن ئۈچ ۋاراق خەت يېزىشى مەيلى قەلەم ياكى ئادەمگە نىسبەتەن ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.