«ئۇر توقماق» ھەققىدە يېڭى قىسسە
(چۆچەك)
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى
قۇدرەت تولىمۇ كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا ئىدى، ئۇ مومىسىدىن «ئۇر توقماق» ھەققىدىكى چۆچەكنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇر توقماققا ناھايىتى قىزىقىپ قالدى. چۈشىدىمۇ، ئوڭىدىمۇ ئۇر توقماقنى چۈشەيدىغان ۋە ئويلايدىغان بولدى. ئۆزى يالغۇز قالغان چاغلاردا ئۇر توقماق ھەققىدە ھەرخىل پەرەز ۋە خىياللارنى قىلىپ، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ كېتەتتى.
— مېنىڭمۇ ئاشۇ چۆچەكتىكىدەك ئۇر توقمىقىم بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى – ھە! ئۇ چاغدا مېنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايتتى. مەھەللە ۋە سىنىپىمىزدىكى بالىلار مېنىڭ ئاغزىمغا قارايتتى. كىم ماڭا چېقىلسا ئۇنى ئۇر توقمىقىمغا تازا ئۇرغۇزاتتىم. باشقا مەھەللىنىڭ بالىلىرىنى بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلاردىن قورقىدىغان قىلىۋېتەتتى. ئۇ چاغدا مېنى بوزەك قىلىدىغان جۈرئەت، شۆھرەتلەرمۇ مېنى «قۇدرەت باتۇر»، «قۇدرەت ئاكا» دەپ چوڭ كۆرەتتى. ھەي، ئاشۇنداق ئۇر توقماقنى نەدىن تاپقىلى بولار؟
قۇدرەتنىڭ كاللىسىغا ئەنە شۇنداق خىياللار كىرىۋالغاندىن كېيىن گېلىدىن تۈزۈك تاماقمۇ ئۆتمىدى. ئەتىسى، ئاخشاملىرى بالىلار بىلەن مۆكىمۆكىلەڭ ئويناشقىمۇ چىقمايدىغان بولدى. سىنىپتىمۇ دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك قىلغان بىلەن خىيالى «ئۇر توقماق» تا ئىدى.
— مومانىڭ چۆچىكىدىكى ئۇر توقماق ھازىرمۇ بولۇشى مۇمكىن، قارىغاندا بىز ئۇنى تاپالمايۋاتقان ئوخشايمىز، مەن ئۇنى ئادەم يوق يەرلەرگە بېرىپ ئىزدىسەم تېپىۋېلىشىم مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى چوقۇم ئۇر توقماقنى ئىزدىگىلى بارىمەن. نەدىن ئىزدىسەم بولار؟ ئەنە ئاۋۇ قۇملۇقلار ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغان ئۇر توقماق بولۇشى مۇمكىن. ئۇر توقماقنى ئىزدىگىلى دوستلىرىمدىن بىر – ئىككىنى ئېلىۋالسام بولارمۇ ياكى...، بولدى، بولدى، ھېچكىمنى ئېلىۋالماي، ئەگەر ئۇر توقماقنى تېپىۋالسام، ئۇلار بۇ ئۇر توقماقنى بىزمۇ سەن بىلەن تەڭ تاپقان، ئۇ بىزنىڭمۇ ئۇر توقمىقىمىز دەپ تالىشىدۇ، شۇڭا ئۆزۈملا ئىزدەي، شۇنداق قىلسام ئۇر توقماق پەقەت مېنىڭلا بولىدۇ.
ئۆز خىيالىدىن مەمنۇن بولغان قۇدرەت خۇددى ئۇر توقماقنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كۈلۈمسىرىدى.
يەكشەنبە كۈنى قۇدرەت ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ – تېنەپ كىيىم كىيىشكە باشلىدى. قۇدرەتنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىمۇ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاپىسى جەننەتخان:
— بالام، بۈگۈن يەكشەنبە تۇرسا ئوبدانراق ئۇخلىماي ئورنىڭدىن تۇرۇۋاتىسەنغۇ، بۈگۈن يەكشەنبە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟— دېدى.
— ياق ئاپا، بۈگۈن بىزنى ئەمگەككە ئېلىپ چىقماقچى، ماڭا نان، چاي تەييارلاپ بېرە، قۇدرەت ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان گېپىنى ناھايىتى جايىدا ئىشلەتتى.
— يائاللا، بۇنداق گەپ دېگەننى ئاخشام دەپ قوياتتىڭ ئەمەسمۇ، جەننەتخان غوتۇلداپ يۈرۈپ قۇدرەت يۈز – كۆزىنى يۇيۇپ، چايلىرىنى ئىچىپ بولغۇچە بىر سومكىغا نان ۋە بىر بوتۇلكا چاينى تەييارلاپ قويدى. چېيىنى ئالدىراپ تېنەپ ئىچكەن قۇدرەت ئاپىسى تەييارلاپ بەرگەن سومكىسىنى ئېلىپ، ئۆيدىن تېز چىقىپ كەتتى.
قۇدرەتلەنرىڭ ئۆيىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان يەردە سۆكسۆك، يۇلغۇن، چاكاندا، توغراقلار بىلەن قاپلانغان بىر قۇملۇق بار ئىدى. قۇدرەت بەزى چاغلاردا دادىسى بىلەن ئۇ يەردىن ئوتۇن ئەكىلەتتى. بۇ يەردىكى كەسلەنچۈك، سالما، كېلەلەر ئۇنىڭغا تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. كېلەنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قۇياشقا قاراپ تۇرۇشلىرى خۇددى مەھەللىدىكى تامغا يۆلىنىپ ئاپتاپسىنىۋاتقان بوۋايلارغا ئوخشايتتى.
قۇدرەت تېز – تېز مېڭىپ قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا كىردى. ئۇر توقماق ئۇنى قايسىدۇر بىر يەردە ساقلاپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى. ئۇ يۇلغۇن ۋە توغراقلارنى ئۇر توقماق مۇشۇ بولۇپ قالمىغىيتتى دەپ تۇتۇپ باقتى. ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرغان كېلە، كەسلەنچۈكلەردىن سوراپ باقتى:
— ھۆرمەتلىك كەسلەنچۈك، بۇ يەردە ئۇر توقماق بارمىدۇ؟ مومامنىڭ ئېيتىشىچە ئۇر توقماق مۇشۇ قۇم بارخانلىرىنىڭ ئارىسىدا بارمىش.
بىراق، كەسلەنچۈك، كېلەلەر قۇدرەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا پەرتلە قىلىپ، قايسىدۇر تۆشۈكلەرگە كىرىپ غايىب بولدى. قۇدرەت ئۇر توقماقنى ئىزدەپ قۇملۇقنى ئۇزۇنغىچە ئايلاندى. بىراق، ئۇر توقماقنىڭ قارىسى تۇرماق سايىسىنىمۇ كۆرەلمىدى. چارچاپ ھالىدىن كەتكەن قۇدرەت مومىسىدىن خاپا بولۇشقا باشلىدى.
— ھەي، ئاشۇ موماممۇ ئاغزىغا كەلگەن گەپنى قىلىدىغان ئوخشايدۇ، مېنىڭچە بۇ دۇنيادا ئۇر توقماق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، مەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. بۇ قۇملۇقتا ئۇر توقماق نېمە قىلسۇن! شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن قۇدرەت بىر توغراقنىڭ سايىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، سومكىسىدىن نان ۋە چاينى ئېلىپ، قورسىقىنى ئەستەرلەشكە باشلىدى. ئۇ بىر – ئىككى يۇتۇم چاينى ئىچىپ، بىر چىشلەم ناننى ئەمدى يۇتاي دەۋاتقاندا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەر ئاستىدىن كېلىۋاتقاندەك بوش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
—قۇدرەتجان! ھەي قۇدرەتجان!! سەن مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟— بۇنى ئاڭلاپ قۇدرەت باشتا قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىدى. يەپ – ئىچىۋاتقان نان، چېيىنى بىر چەتكە قويۇپ، ئەتراپقا ئىتتىك قارىدى. قۇملۇقنى سۈرلۈك جىمجىتلىق قاپلىغان بولغاچقا، قۇدرەت ئۇنىڭسىزمۇ قورقۇپ تۇراتتى، شۇڭا بۇ غەلىتە ئاۋاز ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتۇۋەتتى.
— قۇدرەتجان، سەن مېنى ئىزدەپ كەلدىڭغۇ دەيمەن. مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، كىشىلەرنىڭ مېنى ئۇنتۇپ كەتكىنىگە كۆپ يىللار بولغانىدى. ئۇلار مېنى پەقەت چۆچەكتىكى نەرسە، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارايتتى. مېنىڭ ھېكايەمنى ساڭا ئېيتىپ بەرگەن موماڭمۇ مېنىڭ راستلا مەۋجۇتلۇقىمغا ئىشەنمەيتتى، ئۇ سېنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈنلا شۇنداق دەپ قويغان.
قورقۇپ كەتكەن قۇدرەت ئاستا – ئاستا ھوشىنى يىغىپ، ئالدىغىلا كېلىپ سۆزلەۋاتقان غەيرىي مەخلۇققا قارىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا بېشى كەسلەنچۈكنىڭكىگە ئوخشايدىغان، قۇيرۇقى يۇلغۇن ياغىچىدەك ئۇزۇن، تۆت پۇتلۇق، بېشى يېشىل، قۇيرۇقى يۇلغۇندەك قىزىل بىر نەرسە سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى تۆت، بەش ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك چۈچۈك ۋە يېقىملىق ئىدى. نېمىشقىكىن بۇ نەرسىنى كۆرگەندىن كېيىن، قۇدرەتنىڭ قورقۇنچلىرى قاياققىدۇر غايىب بولدى. ئۇ خۇشاللىقىدىن خۇدىنى يوقاتقانىدى، شۇڭا ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرەپ – تاقلاپ ۋارقىراپ كەتتى:
— تاپتىم، تاپتىم!
— مېنى تاپتىڭ؟!
— ھەئە.
— سەن مەن بىلەن كېتەمسەن؟
— سەن خالىساڭلا بىللە كەتسەم مەيلى.
— مەن بەك خالايمەن، بىراق سەن مومام ئېيتقان چۆچەكتىكى ئۇر توقماققا ئوخشىمايدىكەنسەنغۇ؟
— موماڭمۇ ھەقىقىي ئۇر توقماقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مېنىڭ ئىسمىم «ئۇر توقماق» بولسىمۇ، ھەرخىل شەكىلگە كىرەلەيمەن. كۆردۈڭمۇ، مەن ھازىر كەسلەنچۈك شەكلىدە، خالىسام قۇشقا، يۇلغۇن چىۋىققا ۋە يەنە باشقا نەرسىلەرگە ئايلىنالايمەن، سېنى ھەرگىز ئالدىمايمەن.
— ئۇنداق بولسا بەك ياخشىكەنغۇ، سەن مەن بىلەن كەتكىن، ئىككىمىز مەڭگۈلۈك دوست بولايلى، بولامدۇ؟
— بولىدۇ،— ئۇر توقماق خۇشاللىق بىلەن جاۋاب بەردى.
— ئەمىسە سېنى سومكامغا سېلىۋالايمۇ؟— قۇدرەت ئالدىراپ سورىدى.
— مېنىڭ سېنىڭ بىلەن كېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، سەن كېتىۋەرگىن، مەن ئەمدى سەن بىلەن دائىم بىللە، زۆرۈر بولغاندا ئالدىڭدا پەيدا بولىمەن.
— ئەمىسە گېپىڭ راست – ھە،— قۇدرەت خۇددى دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك شۇنداق دېدى.
— راست، ئەمدى تېزرەك ئۆيۈڭگە قايتقىن، سەن ئۆيدىكىلىرىڭنى ئالداپ كەلگەن، ئۇلار سېنى ئىزدەۋاتىدۇ، تېز بول...— ئۇر توقماي تۇيۇقسىزلا غايىب بولدى. كىمدۇ بىرسى قۇدرەتنىڭ پاچاقلىرىغا يۇلغۇن چىۋىقى بىلەن بوش ئۇرۇپ قويدى. قۇملۇقنىڭ ئىچى يەنە تىمتاسلىققا چۆمدى...
قۇدرەت شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ۋە مەھەللىدىكى بالىلارغا ماختىنىپ سۆزلەپ يۈردى:
— مەن ئۇر توقماق بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىم، ئۇ مەن بىلەن مەڭگۈلۈك دوست بولدى، ئەمدى ھېچقايسىڭ مېنى بوزەك قىلالمايسەن. ئۇر توقماقنىڭ بېشى كەسلەنچۈككە، قۇيرۇقى يۇلغۇنغا ئوخشايدىكەن، ئۇ خۇددى بىزدەكلا گەپ قىلالايدىكەن.
بالىلار قۇدرەتنىڭ گېپىگە ئىشەتنمىدى. قۇدرەت بالىلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولۇپ «ئۇر توقمىقىم تېز كەل!» دەپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ، ئۇر توقماقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.
قۇدرەت مەكتەپتىن خاپا ھالدا قايتتى. چۈنكى، ئۇ ئۇر توقماقنى كۆرسىتىمەن دەپ بالىلارنى مىڭ بىر جاپادا بىر يەرگە يىغىپ، يالغانچى بولۇپ قالغانىدى. شۇ چاغدا قۇدرەتنىڭ چىشىغا تولا تېگىدىغان جۈرئەت ئۇنى تېرىكتۈردى:
— ئۇ توقماق، كارامىتىڭنى كۆرسەتمەمسەن، ئۇ توقمىقىم ئۇر، ئۇر توقمىقىم ئۇر.
جۈرئەتنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىۋاتقىنىغا چىداپ تۇرالمىغان قۇدرەت جۈرئەت مۇشت ئاتتى، جۈرئەتمۇ بوش كەلمىدى. ئۇلار تازا مۇشتلىشىۋاتقاندا بىر يۇلغۇن چىۋىق تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، بىردەم قۇدرەتنى، بىردەم جۈرئەتنى توختىماي ساۋاشقا باشلىدى. ھەر ئىككىسى تەڭلا ۋارقىرىدى:
— ئوغۇل بالا بولساڭ تاياق بىلەن ئۇرما!
— ئوغۇل بالا بولساڭ تاياق بىلەن ئۇرما!
— كىم سېنى تاياق بىلەن ئۇرۇپتۇ!
— كىم سېنى تاياق بىلەن ئۇرۇپتۇ!
— سىلەرنى ئۇرۇۋاتقان مەن، ئۇر توقماق!
قۇدرەت بىلەن جۈرئەت ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىپقىزىل بىر يۇلغۇن تاياق سۆزلەۋاتاتتى.
— ئۇر توقماق دېگەن مانا مەن، مەن ئۇرۇشقاق بالىلارنى ياخشى كۆرمەيمەن. ئەگەر سىلەر ئىناق – ئىتتىپاق بولساڭلار مەن سىلەرگە مەدەت بولىمەن، ئورۇنسىز ئۇرۇشساڭلار سىلەرنى ساۋايمەن. مەن خالىسام يوغان كالتەككىمۇ ئايلىنالايمەن. يۇلغۇن تاياق بىرلا سەكرەپ چوڭ ئادەملەرنىڭ بېلىكىدەك كالتەككە ئۆزگەردى – دە:
— خەيرى خوش، ئىناق ئۆتۈڭلار،— دەپ قويۇپ كۆزدىن غايىب بولدى.
ئەتىسى بۇ گەپ مەكتەپكە ۋە مەھەللىگە تاراپ كەتتى. قۇدرەتنىڭ گېپىنى ئۇنىڭ بىلەن پەقەت چىقىشالمايدىغان جۈرئەتنىڭمۇ قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار ئۇنىڭ گېپىگە ئاز – تولا ئىشىنىپ قالدى.
يىللىق ئىمتىھاندا قۇدرەت ماتېماتىكا ئىمتىھاندىن ئاران 38 نومۇر ئالدى. ئەگەر ئۇ بۇ نەتىجىنى دادىسىغا كۆرسەتسە چوقۇم تاياق يەيتتى. شۇڭا ئۇ ئىمتىھان قەغىزىدىكى 38 نومۇرنى 88گە ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ، مەكتەپ يولىدىكى ئورمانلىققا كىرىپ قىزىل سىياھ قەلىمىنى قولىغا ئالدى، قۇدرەت ئۆزىنىڭ ئەقلىدىن بەك خۇشال بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ 38دىكى 3 نى 8 گە ئۆزگەرتەي دەپ تۇرغان چاغدا، قولىغا ۋاققىدە قىلىپ يۇلغۇن چىۋىقى تەگدى. قۇدرەتنىڭ قولىدىكى دەپتەر، قەلەم يەرگە چۈشۈپ كەتتى. قۇدرەت قولىنى قولتۇقىغا قىسقىنىچە ۋايۋايلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا يۇلغۇن چىۋىق ئويناقشىپ تۇراتتى.
— قۇدرەت، بۇنداق ئاتا – ئاناڭنى ئالدايدىغان ئىشنىقىلىدىغان بولساڭ سەن بىلەن دوست بولمايمەن. ھەرقانداق ئەدەپسىز، قىلىقسىز ئىش قىلساڭ سېنى ساۋايمەن، ئەگەر سەن ياخشى ئىش قىلساڭ ساڭا مەدەت بېرىمەن، ياردەم قىلىمەن.
ئەنە شۇ ئىشتىن كېيىن قۇدرەت ئۇر توقماقتىن كۆپ قېتىم تاياق يېدى. ئۇ بالىلار بىلەن مۇشتلىشىپ قالغاندا، ئاتا – ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا يالغان سۆزلىگەندە، قىز ساۋاقداشلىرىغا قىلىقسىزلىق قىلغاندا، دەرسنى ياخشى ئۆگەنمەي ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەندە، ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرماي ھۇرۇنلۇق قىلغاندا... ئىشقىلىپ قىلىقسىزلىق قىلسىلا ئۇر توقماق دەرھال پەيدا بولۇپ، ئۇنى ساۋىدايتتى، ئەيىبلەيتتى. ئۇر توقماقنىڭ ھەققانىي تۈرتكىسى بىلەن قۇرەت ئۆزىدىكى نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئەدەپلىك بالىغا ئايلاندى، دەرستە مەكتەپ بويىچە ئەلاچى بولۇپ، تۈرلۈك ئۆگىنىش مۇسابىقىلىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بالىلار بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان بولدى. قۇدرەتنى ھەممىلا ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان، قۇدرەتمۇ ئۆزىدىن ئۆزى سۆيۈنىدىغان بولدى.
بىر كۈنى قۇدرەت مەكتەپنىڭ بېغىدا دەرس تەييارلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇر توقماق يەنە پەيدا بولدى.
— قۇدرەتجان، سەن بىلەن دوست بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىۋاتىمەن. سەن ھازىر ھەممە جەھەتتە ئىلگىرىلىدىڭ، بۇرۇنقى گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز قۇدرەتتىن تىرىشچان، زېرەك، ئەدەپلىك قۇدرەتكە ئايلاندىڭ.
— ئۇر توقماق دوستۇم، بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تۆھپەڭ، سەن مېنى ياخشى يولغا باشلىمىغان بولساڭ...
— مەن مەكتەپ ۋە مەھەللىدىكى بالىلارغا سېنىڭ بار ئىكەنلىڭنى پەقەتلا ئىشەندۈرەلمىدىم. ئەتە ئۇلارنىڭ بىر يەرگە يىغسام، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى بىر كۆرسىتىپ قويغىن، گېپىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىۋاي.
— ماقۇل، ئەمىسە ئەتە كۆرۈشەيلى،— ئۇر توقماق بىرلا سەكرەپ كۆزدىن غايىب بولدى.
دەرستىن كېيىن بالىلار مەكتەپنىڭ توپ مەيدانىغا يىغىلىپ، قۇدرەتنىڭ ئۇر توقماق ھەققىدىكى گەپلىرىنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈپ باقماقچى بولغانىدى. بۈگۈن يىغلىغان بالىلار ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، قۇدرەت ھاياجانلانغان ھالدا ۋارقىرىدى:
— ئۇر توقمىقىم تېز پەيدا بول، تېز!
كۆپ ئۆتمەي ئۇر توقماق پەيدا بولدى. ئۇ باشتا يۇلغۇن تاياق سىياقىدا پەيدا بولۇپ، كېيىن چوڭ ئادەملەرنىڭ بىلىكىدەك يوغىنىدى. ئۇ تۈرلۈك ئويۇنلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن بالىلارغا سالام قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇر توقماق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، كېيىن تۇيۇقسىزلا بۈركۈتكە ئايلىنىپ، پەرۋاز قىلغىنىچە ئۇچۇپ كەتتى.
بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قارىغىنىچە ۋارقىراپ كەتتى.
— ئۇر توقماق! ئۇر توقماق!! ئۇ بۈركۈت بولۇپ ئۇچۇپ كەتتى.
قۇدرەت شۇنىڭدىن كېيىن ئۇر توقماقنى پەقەت كۆرەلمىدى. بىراق، ئۇ ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئۇر توقماقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان بولدى.