تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بوۋاق بەك سىمىز بولۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك ؟

 بەزىبىر تۇغۇلىشىدىنلا ئىشتىھاسى ئىنتايىن ياخشى بوۋاقلار ئون ئايلىقنىڭ ئالدى- كەينىدىن باشلاپ تېخىمۇ سەمرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب - بۇ ۋاقىتتا قوشۇپ بىرىلگەن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىڭ مىقدارى ئاللىقاچان كۆپىيىپ كەتكەن ، لىكىن ئانا سۈتى مىقدارى ، بولۇپمۇ كالا سۈتى مىقدارى ئازلىمىغان. كالا سۈتىدىكى ئاقسىل تەركىبى يۇقىرىراق ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى كازىئىننىڭ مىقدارىمۇ كۆپرەك ئۇنىڭ ئۈستىگە كالا سۈتىنىڭ لاكتوزا ( سۈت قەنتى ) مىقدارى بەك تۆۋەن ، كالتىسىي ۋە فوسفورنىڭ نىسبىتى ماس كەلمىگەن بولۇپ، ئاسانلا بەدەن ئېغىرلىقى بەك تىز ئېشىپ كېتىدۇ ھەمدە بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى قانچە ئارتسا سالامەتلىكىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارىغانلىقتىن بوۋاق قانچىلىك يەيمەن دىسە شۇنچىلىك بىرىدۇ. لىكىن ئەگەر مۇشۇنداق چەكلىمىسىز بېرىۋەرسە بوۋاق سېمىز بوۋاق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ،سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت ئورگانىزىمىنىڭ يېتىلىشى دائىم ئاستىراق بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ. سەمرىگەندىن كىيىن تېرىدىكى قورۇقلار چوڭقۇرلاپ، نەملىك ۋە تىمپراتۇرا ئۆرلەپ ئاسانلا باكتىرىيەدىن يۇقۇملىنىش ياكى چىيقان پەيدا بولىدۇ ھەمدە چوڭ بولغاندا ئاسانلا يۇقىرى قان بىسىمى ، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولىدۇ . كۆرۈنەرلىك سەمرىگەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن ھەر ئون كۈندە بىر قىتىم ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ئەگەر ھەر قىتىمدا ئېغىرلىقى 200 گرامدىن ئارتۇق ئارتسا ، دەل بەك سېمىزلىك بولۇپ ، يېمەكلىككە چەكلىمە قويۇش كېرەك . بوۋاقنىڭ يىمەكلىكىدىكى ئۇماچ، گۈرۈچ تامىقى ، چۆپلەرنى ئادەتتىكىدەك بىرىش لىكىن كالا سۈتىنىڭ مىقدارىنى چوقۇم ئازايتىش ، بارا-بارا ھەر كۈنى 200 مىللىلىتىردىن 70 مىللىلىتىر غا چۈشۈرۈش ، ئەمما توختىتىىتىشكە بولمايدۇ ياكى قېتىقنى ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ .

  مەنبە ؛ بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەققىدە 200 مەسلىھەت


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز