تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
iPhone 6c مىش-مىش خەۋىرى ئەڭ كۆپ تارقالغان يانفونغا ئايلىنىپ قالدى

سىنا تورى خەۋىرى:

ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىقى ئېنىق بولماسلىق دەل iPhone 6c ھەققىدە تارقىلىۋاتقان بارلىق مىش-مىش پاراڭلارنىڭ تۈگۈنى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە iPhone 6c نى ئالما شىركىتى مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى مىش-مىش خەۋىرى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يانفونغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان باشقا بىر يانفون يوق.

مىش-مىش خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ بېشىدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى  ئېچىپ، iPhone 6s ۋە 6s Plus نى ئېلان قىلىدىكەن، شۇنداقلا كىچىك ئېكرانلىق ئايفونى iPhone 6c نىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن، ئانالىزچىلار ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone 6c ئالما شىركىتىنىڭ كىلاسسك تۈسكە ئىگە مەھسۇلات لايىھەسىنى قايتا نامايەن قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆت دىيۇملۇق ئېكران، iPhone 6 دىكى بىلەن ئوخشاش 64 بىتلىق A8 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن، iPhone 5c بىلەن ئوخشاش كۆپ خىل رەڭلىك ئۇسلۇبتا لايىھەلىنىدىكەن.

يەنە بىر قىسىم خەۋەرلەردە، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يانفوننى بۇنچە بالدۇر ئېلان قىلمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ھەتتا بەزى ئۇچۇرلاردا ئالما شىركىتىنىڭ ئاتالمىش iPhone 6c نى داۋاملىق تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۈگۈن تارقالغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بولسا، داڭلىق ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى @evleaks مىكروبىلوگ ئۇچۇرى تارقىتىپ، ئالما شىركىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا iPhone 6s、6s Plus ۋە iPhone 6c قاتارلىقلارنى تەڭ ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىشى ئىلگىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، iPhone 6c ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرىمۇ تېز سۈرئەتتە ھەرقايسى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان.

بەزى ئابونتلارنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئالما شىركىتى كىيىنكى قەدەمدە سەپلىمىسى iPhone 6 بىلەن ئوخشاش، ئەمما بىر قول بىلەن بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدىغان كىچىك نۇسخىدىكى ئايفوننى ئېلان قىلىدىكەن. (نېمە دىگەن تونۇش ئېلان سۆزى بۇ ھە!)

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ھەقتىكى مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ئايىغى 9-ئايغا بارغاندا تولۇق ئۈزۈلىدۇ. ئىگەللىنىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگە بېكىتىلگەن.


ئەسلى مەنبەسى: سىنا تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز