ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرىدىغان يوشۇرۇن قاتىل
نورمالدا بىر قېتىملىق ئىسپىرمىنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ، تۈگەپ كەتمەيدۇ، ئىنسانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى كۆپەيتىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئامىل.
دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى «يىلدىن يىلغا چېكىنىش» گىردابىغا بېرىشقا باشلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ زىچلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن / ml15مىليون تۆۋەنلەپ، ئۇرۇقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئادەمنى ئەنسىرەتكۈدەك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ئسپىرمىنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولسىمۇ، بىراق سەزگۈر ھەم ئاجىز، ئاسانلا كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەردائىم يېنىدا يانفون ئېلىپ يۈرىدىغان ھەم ھەركۈنى يانفوندا سۆزلىشىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ تۇغماسلىققا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئىسرائىلىيە ئالىمىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىشىچە، توك قاچىلاۋاتقان يانفوننى ئىشلەتكەن ياكى يانفوننى كارۋېتىنىڭ بېشىغا قويۇپ ئۇخلىغاندا ئۇرۇقنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تەسىرى بولىدىكەن، دىمەك، ناھايىتى ئېنىقكى، يانفون رادىئاتسىيىسى ئۇرۇق ئۆلتۈرۈشتىكى يوشۇرۇن قاتىللىغى تولۇق ئىسپاتلانغان.
ئەمما بىز نورمالدا يانفون رادىئاتسىيىسىنى كۆرەلمەيمىز، تۇتالمايمىز، ئۇنداقتا قانداقسىگە ئۇرۇققا تەسىرى بولىدۇ؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، يانفون رادىئاتسىيىسى ئاساسلىقى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، خىزمەت ھالىتىدىكى مەركىزى چاستوتىسى MHz (گېرتىس)900بولۇپ، تېلېفون ئۇلىنىشتىن بۇرۇنقى قۇۋۋىتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، MHz (گېرتىس)900لىق رادىئاتىسيە ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇق ھاياتىي كۈچىنى بويسۇندۇرالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار يەنە مۇنداق قىياس قىلغان، يانفون رادىئاتسىيىسى نورمال ئادەم بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇننى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئېرسىيەت ماددىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋېتىپ، غەيرىي ئۇرۇق كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇقنىڭ يىتىلىشىنىڭ تېمپىراتۇرىغا بولغان تەلىۋى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇرۇقدان قورساق بوشلۇقىنىڭ تېمپىراتۇرىسى℃2تىن تۆۋەن بولغاندا ئاندىن خىزمىتى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. تېلېفون رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۇرۇقداننىڭ قىسمەن قىسمىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىپ، ئۇرۇقنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇت بولۇشىغا پايدىسىز.
گەرچە يانفون ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن بىز يانفوندىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيمىز.
شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسىئەرلەرنىڭ يانفون ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
1. يانفوننى يانچۇققا سېلىپ يۈرۈشتىن ئامال بار ساقلىنىش؛
2. يانفونغا توك قاچىلىغاندا،ئۇرۇقداندىن 50سانتېمىتى يىراق جايغا قويۇپ قاچىلاش كېرەك؛
3. نائۇشنىك تاقاپ تېلېفون قۇبۇل قىلغاندا، رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؛
4. ئۇدا يانفون ئىشلەتكەن ۋاقتى 40مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك؛
5. يانفون سايراپ 7سېكۇنتتىن كېيىن يانفوننى ئالغاندا، ئەڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيە ۋاقتىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛
ھەي ئەر، كېچە-كۈندۈز تېلېفون ئويناشقا يەنە باھانىڭىز بارمۇ؟
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئەسەر ھوقۇقى بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە، كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!