.1جويوزبوۋادىن 50 گرام، كاۋاۋىچىندىن 50 گرام، ئاقىرقەرھادىن 50 گرام، پىلپىلدىن 40 گرام، زەبەردىن بەش گرام، بەزولبەنجىدىن 20 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، بەدىيان سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، 0.3 گراملىق ھەب تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن يەپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك تۇتالماسلىقنى داۋالايدۇ.
.2 ئۈستىقۇددۇستىن 40 گرام، ئەفتىموندىن 36 گرام، بىستاپايەجىدىن 34 گرام، ئاق توربوتدىن 20 گرام، ھېلىلە پوستىدىن 18 گرام، كابىلەدىن 18 گرام، سۇمبولدىن 18 گرام، شەمەھەنزەلدىن 16 گرام، غارىقوندىن 14 گرام ئېلىپ سوقۇپ تازىلانغان سۇ بىلەن 0.3 گراملىق خېمىر قىلىپ ھەب تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن يەپ بەرسە، سەۋدا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، شەقىقە قاتارلىق كېسەللەرگە داۋا بولىدۇ.
.3 ئاقىرقەرھادىن 10 گرام، قۇندۇز قەھرىدىن توققۇز گرام، شەترەنجى ھىندىدىن توققۇز گرام، بەزورولبەنجىدىن توققۇز گرام، سەكبنەجدىن 12 گرام، ئاچچىق تاۋۇزدىن 18 گرام، سەبرىدىن 15 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، تازىلانغان سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، 0.3 گرامدىن ھەب تەييارلاپ، كۈنىگە بىر تالدىن ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە، رەئىس ئەزالارنى ئاسرايدۇ، مېڭە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى