(شىڭگىل ھېكايە)
قۇربانجان توختى ئازىق
تىل – ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز دەرسنى بەك قىزىق ئۆتەتتى. ئۇ بەزىدە ‹‹نورۇز بوۋاي بولساڭ نېمە دەيتتىڭ؟››، ‹‹سەرەڭگە ساتقۇچى قىز يېنىڭدا بولغان بولسا، ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قىلىپ بەرگەن بولاتتىڭ؟›› دېگەندەك سوئاللارنى سورىسا، بەزىدە ‹‹قىزلار چېچىڭلارنى مەختۇمسىلادەك ئۆرۈپ كېلىڭلار››، ‹‹ئوغۇللار دېھقانچە ياسىنىپ كېلىڭلار›› دېگەندەك تاپشۇرۇقلارنى بېرەتتى. ئۇ بىركۈنى سىنىپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا:
يەكشەنبە كۈنى ئاتىلار بايرىمى، شۇ كۈنى سىلەر ‹‹دادا››نىڭ رولىنى ئېلىپ بېقىڭلار ھەم تەسىراتىڭلارنى يېزىپ كېلىڭلار، دەپ تاپشۇرۇق بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشتا ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق، لېكىن بۇ تاپشۇرۇقنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ ئۆزىمىزنى سىناپ باقماقچى بولۇشتۇق. مەن بۇ تاپشۇرۇقنى دادام – ئاناملارغا ئېيتىۋېدىم، ئۇلارمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى ۋە ماڭا ماسلىشىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.
ئاتىلار بايرىمى كۈنى سەھەردە، دادام ھۇجرامغا كىرىپ مېنى ئويغىتىپ:
-‹‹دادا››، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، مۇشۇ چاغقىچە ئۇخلىغان بارمۇ؟ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ دەرھال ئىشلىرىڭىزنى تېپىپ قىلىڭ،- دېدى ئەركىلەپ تۇرۇپ.
دادامنىڭ ‹‹ئەركىلەش››لىرىدىن بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ ‹‹دادا››لىق سالاھىيىتىم يادىمغا كەلدى – دە، مەنمۇ چاندۇرماي دادامغا:
-بولىدۇ ‹‹بالام››، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولدۇڭمۇ؟ ئىشلەپ بولغان بولساڭ يېڭى دەرسنى ئالدىن كۆرۈپ قوي،- دېدىم.
داداممۇ ماڭا ماسلىشىپ، تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر كۈنلۈك ئارتىسلىقىم باشلاندى. دەسلەپتە ‹‹دادا بولۇشنىڭ راھىتى نېمىدېگەن ياخشى›› دەپ ئويلىدىم، چۈنكى تاپشۇرۇقلىرىمنى دادام ئىشلەۋاتاتتى. ئەمما چۈش بولغۇچە، خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىگە بىرىپ ئۆينىڭ توك، سۇ پۇللىرىنى تاپشۇرۇش، بازاردىن گۆش، كۆكتات سېتىۋېلىش، رېمونتچى ئىزدەپ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ توك يولىنى رېمونت قىلدۇرۇش، ئۆينىڭ بىر ئايلىق مالىيە ھېساباتىنى قىلىش... دېگەندەك ئىشلار مېنى خېلى تەمتىرىتىپ قويدى.
-ۋايجان! بەكلا چارچاپ كەتتىم، ئەمدى بولدى قىلايچۇ!- دېدىم دادامغا. ئەمما، دادام بۇنداق يېرىم يولدا يېنىۋېلىشىمغا يول قويمىدى ۋە چىشىمنى چىشلەپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشۇمغا مەدەت بەردى.
بۇ بىر كۈننى ئاخىر تۈگىتىپ، ۋەزىپىنىمۇ ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. بىر كۈنلۈك ‹‹دادا›› بولۇش تەسىراتىمنى تاپشۇرۇق دەپتەرگە يېزىپ بولۇپ، دادامغا:
-دادا، ئاتىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،- دەپ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدۇم.
ئەتىسى تىل – ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز تاپشۇرۇقلارنى يىغىپ سىنىپتا تەكشۈردى، تاپشۇرۇق دەپتەرلەر ئىچىدىن بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ بالىلارغا مۇنداق دېدى:
-ساۋاقداشلار، بىر ساۋاقدىشىڭلار تاپشۇرۇقنى ئىنتايىن ئىخچام، مەزمۇنلۇق يېزىپتۇ، سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي.
ھېرىش – چارچاش...
ساۋاقداشلار ماقالىنىڭ ئاخىرى بار دەپ ئويلىغان چېغى، مۇئەللىمگە تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى. مۇئەللىمنىڭ ‹‹تۈگىدى›› دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەمما، مەن يا كۈلۈشنى، يا خىجىل بولۇشنى بىلمەي جىم ئولتۇردۇم. چۈنكى ئۇ تاپشۇرۇق دەپتەر مېنىڭ ئىدى.