يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋۇچاڭدا تۇرۇشلۇق 60 نەچچە ياشلىق بوۋاي ھەر كۈنى يانفون ئوينىغان ۋاقتى 10 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، تۇيۇقسىز بىر كۈنى كۆرمەس بولۇپ قالغان. ئەقلىيفوننىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپىنچە ئادەمنىڭ قولىدىن يانفون چۈشمەيدىغان بولدى، بۇنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟
ئەگەر چەكمە ئېكرانلىق يانفوننى ئىشلىتىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، چوڭ كۈچ سەرپ قىلسا، بارماقنىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ، بارماقنى نورمال ئېگىش ۋە نەرسىلەرنى تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش كېلىپ چىقىشى، ئېغىر بولغاندا مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى: باشنى تۆۋەن سېلىپ يانفون ئويناش بويۇن ئومۇرتقىسىنى تەخمىنەن 27 كىلوگىرام بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شۇنداق بولسا، بويۇن يولىنى بېسىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئېگىۋېتىدۇ، يەنە بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچارلىشىش، كەيپىياتى بۇرۇختۇرما بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
كۆز كېسىلى: چىراقنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن يانفون ئوينىسا، پەقەت ئېكراندىن چىققان يورۇقلۇق قالغاچقا، بۇ چاغدا نۇرنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ، كۆز ئاسانلا چارچايدۇ. شۇ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆز چىمىقلىتىش قېتىم سانى ئازلاپ، ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىدۇ، ئاسانلا كۆز قۇرغاقلىشىش پەيدا قىلىدۇ.
ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرىدۇ (ئەرلەر دىققەت): يانفون چىقارغان يۇقىرى چاستوتىلىق مىكرو دولقۇننىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىنتايىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم يانفوننى بېلىگە ئېسىۋالىدىغان ياكى ئىشتان يانچۇقىغا سېلىۋالىدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سانى %30 ئازلاپ كېتىدىكەن.
ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ: ھەر كۈنى يانفوننى ئىككى سائەت ئوينىغاندا، قاراڭغۇلۇق ھورمۇنىنى تىزگىنلەپ، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېرىم كېچىدە يانفون ئوينىسا چوڭ مېڭىنى قوزغىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىدۇ.
تار خاراكتېرلىك پەي غىلىپى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ: دائىم بارماق بىلەن ئەقلىيفون ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ قول مۇسكۇلى ئۇزۇن ۋاقىت تېز، جىددىي ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا بارماق، بېغىش بوغۇمىنىڭ زىيادە ئۇپرىشى ۋە قول مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك مۇسكۇل ھەرىكىتى پەي غىلىپىنىڭ قېلىنلاپ، سۆڭەك خاراكتېرلىك سېللۇزا غىلاپ نەيچىسىنى تارايتىدۇ.
سېمىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ: كېچىدە كومپيۇتېر ياكى ئەقلىيفون ئىشلىتىش بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى نەچچە قاداق ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئاچلىق تۇيغۇسى ئەقلىيفون ۋە كومپيۇتېر تارقاتقان كۆك نۇرنىڭ چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆك نۇرنىڭ چۈشۈشى نەچچە سائەتتىلا ئاچلىق تۇيغۇسىنى قوزغىتىدۇ، ھەتتا بايىلا تاماق يېگەن ئادەممۇ قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ.