بۈگۈن بەزى تاراتقۇلار سامسۇڭ Galaxy A8 نىڭ بىر يۈرۈش رەسىمىنى ئېلان قىلغان، مەزكۇر يان تېلېفونغا Galaxy A ئائىلىسىنىڭ مېتال رامكا لايىھەسى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى نۇسخىدىكى يان تېلېفونلار بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ، سامسۇڭنىڭ ئەڭ نېپىز يان تېلېفونى بولۇپ قالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، Galaxy A8 نىڭ رازمېرى 157.7x76.7x5.9mm، ئېغىرلىقى 140g ئىكەن. ئاشكارىلانغان رەسىملەردىن قارىغاندا، يېڭى يان تېلېفونغا 1920x1080 ئېنىقلىقتىكى 5.7 دىيۇملۇق Super AMOLED ئېكران ئىشلىتىلگەن، Snapdragon615 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 16GB ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن، ئارقا كامېرا 16 مىليون پىكسېل، ئالدى كامېرا 5 مىليون پىكسېل ئېنىقلىقتا ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، Galaxy A8 نىڭ باتارېيە سىغىمى 3050mAh بولۇپ، Android 5.1.1 سىستېمىسى ئىشلىتىلىدىكەن، شۇنداقلا 4G LTE تورىنى قوللايدىكەن.
نۆۋەتتە، مەزكۇر يان تېلېفون تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە جۇڭگو بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە دۆلەت بازىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.