تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سۆگەلنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

 

سۆگەل ئادەمنىڭ تېرىسى ئۈستىدە پەيدا بولىدىغان كىچىك ئۆسمە بولۇپ، ۋاقىتىدا داۋالمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىپ بارىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇلسا تېرىنىڭ شەكلىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، تاتۇق ياكى ئىز قېلىشى، شۇنداقلا ئەتراپىدا يەنە ئۇششاق سۆگەللەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، خىمىيەلىك داۋالىغاندا قايتا قوزغالماسلىق، تېرە ئۈستىدە ئىز قالماسلىق، ئەكىس تەسىرى يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ، تۆۋەندە سۆگەلنى ئاددىي ئۇسۇلدا داۋالاشنى تونۇشتۇرىمىز.
 
دورا تەييارلاش ئۇسۇلى : سىياداننى ھاۋانچىدا يۇمشاق سوقۇپ ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ%95تىن يۇقىرى بولغان سىركە كىسلاتاسىنى سىيادان تالقىنىغا قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ %5لىك ئاش تۇزى قوشۇپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، سالقىن جايدا 1-4سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزىمى. نېپىز سولياۋ تەييارلاپ، سولياۋنىڭ دەل مەركىزىدىن تۆشۈك ئاچىمىز ،سۆگەلنى بۇ تۆشۈكتىن تولۇق چىقىرىمىز، سولياۋنىڭ قالغان قىسىمىنى تېرىگە مەھكەم يېپىشتۇرىمىز، ئاندىن تەييارلانغان دورىنى سۆگەلگە سۈركەپ، ئۈستىنى يەنە نېپىز سولياۋ بىلەن ئوراپ پىلاستىر بىلەن چاپلاپ قويىمىز، بۇ ۋاقىتتا يەرلىك ئورۇندا قىزىغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، بىر سائەت ئىچىدە قىزىل ئالامەتلىرى يوقايدۇ، دورىنى 6-7سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىمىز، بۇ ۋاقىتتا سۆگەل ئۈستى قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قېتىشىدۇ، يەنە5-6سائەت ئۆتكەندىن كېين يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە يەنە دورا سۈركەپ تۇرغۇزساق، سۆگەل يۈزى قاقاچ ھالەتكە كېلىدۇ ھەمدە كىچىكلەشكە باشلايدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سۆگەل چۈشكەندىن كېيىن دورا ئىشلىتىشنى توختىتىمىز، بۇ ۋاقىتتا سۆگەل ئورنى قارامتۇل ھالەتتە بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تېرە بىلەن ئوخشاش رەڭگە كېلىدۇ ۋە سۆگەل قايتا ئۆسۈپ چىقمايدۇ.
 

 

بۇ خىل دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى، سىركە  كىسلاتاسى ئادەتتە بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاچچىقسۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولۇپ، بەدەنگە رېئاكسىيە بەرمەيدۇ، ئاسان پارلىنىدۇ، سىياداننى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ساتىدىغان يايما دۇكانلىرىدىن %95لىك سىركىنى ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى دورا دۇكانلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ياساش ئۇسۇلى ئاددىي، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بولغاچقا، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز