ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇخلىيالمايدىغان 10 مىڭدىن كۆپرەك ئاغرىقنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگىلا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن، يەنە ئادەمنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ساغلاملىقىغىمۇ زىيان سالىدىغانلىقىنى بايقىدى. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئۇخلىيالماسلىق ئادەمنىڭ تەشۋىشلىنىش، يۈرەك ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقىرىلىۋېتىدىكەن».مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تەكشۈرۈش نەتىجسى ئۇىلىيالمايدىغانلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگەقارىغاندا نىكاھتىن ئاجرىشىش مۇمكىنچىلىكى %35، يىللىق كىرى 25 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن بولۇش مۇمكىنچىلىكى %40، كېسىلىنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن قېچىش مۇمكىنچىلىكى %32، ئىشسىز قېلىش مۇمكىنچىلىكى %42 يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ نەتىجە ئۇخلىيالمايدىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاش تەدبىرىنى تۈزۈتۈشكە پايدىسى تېگىدۇ»