تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
5000 يۈەن پۇلىڭىز بولسا ئالما ئالامسىز ئاندىرويىدمۇ؟

چەتئەل تاراتقۇسى Android Central نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، چوڭ ئېكرانلىق، قىممەت باھالىق ئاندىرويىد يان تېلېفونلار نۆۋەتتە تەھدىتكە دۇچ كېلىۋېتىپتۇ، ئىستېمالچىلار بۇ خىلدىكى يان تېلېفونلارنى سېتىۋېلىشنى ئانچە خالىمايدىكەن.

بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى IDC ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، 3700 يۈەن ئەتراپىدىكى ئاندىرويىد يان تېلېفونلارنىڭ دۇنيا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %9.1 بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر نىسبەتەن بىراقلا %5.6 كە تۆۋەنلىگەن؛ ھالبۇكى ئوخشاش باھادىكى IOS مەھسۇلاتلىرى %70-%80 بازارنى ئىگىلىگەن. تېخنىكا تاراتقۇسى CNET نىڭ كۆرسىتىشىچە، Moto X، شياۋمى، جۇڭشىڭ قاتارلىق ئەرزان يان تېلېفونلار بازاردا تېخىمۇ بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن، لېكىن Note 5 ئوخشىغان بۇنداق قىممەت يان تېلېفونلار سېتىلماسلىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

ھەتتا، سامسۇڭ، LG، سونىي قاتارلىق شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ئالىي دەرىجىلىك يان تېلېفونلارمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان. يەنە بىر تېخنىكا بىلوگى Re/code نىڭ قارىشىچە، ئالىي دەرىجىلىك يان تېلېفون بازىرىدا، پەقەت ئالمىنىڭلا ھەقىقىي ئاشۇرما باھا ئىقتىدارى بار ئىكەن، چۈنكى ماركا باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، كىشىلەر بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ئاندىرويىد يان تېلېفونى سېتىۋالغاندىن ئالما تېلېفونى سېتىۋېلىش تېخىمۇ ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدىكەن.

شىمالى ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا بازىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىدىكى سېتىلىش باھاسى تېخىمۇ قىممەت، لېكىن بىر قىسىم بايراقدار ئاندىرويىد يان تېلېفونلىرى ياۋروپادا مۆلچەرلەنگەن تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل يان تېلېفونلار جۇڭگو بازىرىدىمۇ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن.


ئەسلى مەنبەسى: يەرشارى تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز