تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قوشنىدارچىلىق

 مۇيەسسەر خېلىل

       كىچىكىمىزدە بىز ئولتۇرغان مەھەللىدىكى كىشلەر تولىمۇ ئىناق ئىجىل ئۆتەتتى. ئۆز ئارا تاماق سۇنۇش، يېڭى پىشقان مېۋىلەرگە ئاۋۋال قوشنىلارنى ئېغىز تەگكۈزۈش، يىراققا سەپەرگە چىقسا يوللۇق تۇتۇش، سەپەردىن كەلگۈچە ئائىلىسدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش، ئېغىر – يىنىك ئىشلارغا ياردەمدە بولۇش دېگەندەك ئىشلار قوشنىلار ئوتتۇرىسىدا ئوموملاشقان ئىدى. چوڭلار شۇنداق ئىجىل ئىناق بولغاچقا، بىز بالىلارمۇ بىر – بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە كۆڭۈللۈك ئويناپ بالىلىقىمىزدىن شېرىن ئەسلىمىلەر قالدۇرغان ئىدۇق.

    مانا ئۇچقۇر يىللار يېشىمىزغا ياش قوشۇپ، بىزمۇ چوڭ بولۇپ ئۆي – ئوچاقلىق بولدۇق. ماددىي جەھەتتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشلىنىش بولۇپ، تۇرمۇشىمىزنى بەخىتلىك دەپ ئېيتالىساقمۇ، لېكىن قەلبىمىزدە بىز ئىنتىلگەن بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغىنىمىز ھەقىقەت ئىدى. كۈنسېرى ئېگىزلەۋاتقان بىنالاردا كىرىپ – چىقىۋاتقان كىشلەر بىلەن نەچچە يىل بىر ھويلىدا، بىر بىنادا ئولتۇرۇپمۇ، ئىسىم – شەرىپىمىزنى بىلشمەيدىغان، ئۇچراشساق خوش ياقسا باش لىڭىشتىدىغان، بولمىسا كارىمىز يوق ئەھۋال كۆپىنچىمىزدە ئورتاق ئەھۋال بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇرۇن ئولتۇرغان ھويلىدىكى ئەھۋالىم يۇقارقىدەك بولغاچقا يېڭى ئۆيگە كۆچكىنىمدە ئانچە تارتىشىپمۇ كەتمىدىم.لېكىن يېڭى مۇھىتىنىڭ باشقىچە بولۇشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلاتتىم.

    چوڭلارنىڭ كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق، دېگەن سۆزى ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ئىكەن، دېدىم مەن چارچىغان جىسمىمنى مېھمانخانىدىكى تېخى يېڭىدىن سېلىنغان گىلەم ئۈستگە تاشلاپ.

  ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، بەزىدە دۇنياخۇرلۇق قىلىپمۇ قويىدىكەنمىز. ئادەتتە ئارتۇق بىلىنمىگەن نەرسىلەر كۆچكەندە قاياققا ماڭسىڭىز پۇتىڭىزغا پۇتلىشىدىغان گەپكەن. شۇنداق خىياللار بىلەن يېڭى ئۆينىڭ تام – تورۇسلىرىغا قاراپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرگەن قىزىم خۇددى مۇھىم بىر ئىشنى سەمىمىگە سالغاندەك:

    - ئاپا، قورساق ئاشتى، دېدى كىتاپلىرىنى ئىشكابىغا سالغاچ.

    -مۇشۇنداق ۋاقىتتا تەييار تاماق بولغان بولسچۇ ؟ دېدىم غۇدۇراپ. ئەزەلدىن تاماق ئېتىشكە ھورۇنلۇق قىلمىساممۇ، لېكىن دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئىشنى تۈگىتىمەن دەپ ئۆزۈمنى بەك ئالدۇرۇپ قويدۇممۇ، پەقەت مىدىرلىغۇم يوق ئىدى.

   - بولدى مەن سىرتتىن تاماق ئەكىرەي، دېدى بالىلارنىڭ دادىسى بىزگە قاراپ.

    بىز ئەشۇنداق قورساق غېمى بىلەن ئولتۇرغىنىمىزدا، ئىشىك قوڭغۇرقىنىڭ بېسلىشى ھەممىمىزنى گاڭگىرىتىپ قويدى. چۈنكى بىز بۇ يەردە تېخى ھېچكىم بىلەن تونۇشقۇدەك بولمىغاچ، كىمدۇ دېگەن سۇئال بىلەن بىر – بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە، مەن بېرىپ ئىشكنى ئاچتىم.

    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم، يېڭى ئۆيۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. يېشى 60 لارغا ئۇلاشقان لېكىن تۇرىقىدىن تولىمۇ تىتىك كۆرۈنىدىغان بۇ مېھىرى ئىسسىق ئايال خۇددى ئۆيىمىزگە ئىللىق باھار پەسلىنى ئېلىپ كىرگەندەك كىرىپ كەلدى. ئۇ تېنىچلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، يېڭى ئۆينى مۇبارەكلەپ ساھىپخانغا ئامانلىق تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.

   - بالىلىرىم، جۈرۈڭلار بىزنىڭ ئۆيگە، قارىسام ئەتىگەندىن بۇيان كۆچىۋاتقاندەك قىلىسلەر، شۇڭا تاماققا تەييارلىق قىلىپ قويغان. دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ. بۇ پەۋقۇلئاددە ئىللىقلىقتىن بىز تەمتىرەپ قالغاندەك بىر- بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق. مەن چىققاچ تۇراي ئۈستۈڭلاردىكى ئۆي بىزنىڭ ئۆي، دېدى ئۇ سىرتقا قاراپ ماڭغاچ.

   - ۋاي ئېسم قۇرىسۇن، دېدى ئۇ يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ، مېنى مەريەم ھەدە، دەپ چاقىرساڭلار بولىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ بىز يېڭى ئۆيگە كۆچكەن بۇ كۈنى مەريەم ھەدىنىڭ ئاش كۆكى، رەيھان كۆكلەر سېلىپ ئوخشىتىپ ئەتكەن چۆچۈرىسىنى ئىچىپ، ھاردۇقىمىز چىققاندەك كەيپىياتىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالدى. مېنى ھەممىدىن بەك خۇشال قىلغىنى، مەن بۇ ئۆيگە كەلگەن تۇنجى كۈنىلا ئىزدەپ يۈرگەن نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولغىنىم بولدى. مەريەم ھەدىنىڭ ئوچۇق – يورۇق مىجەزى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قوشىندارچىلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل خىسلىتى مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.

    ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە شۇ يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش يۈرگىنىمدە، ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئىشىكنى ئاچقىنىمدا مەريەم ھەدە باشچىلىقىدىكى نەچچە ئايال تۇراتتى. ئۇلار قائىدە بويىچە يېڭى ئۆي كۆچكەنلەردىن ھال ئەھۋال سوراپ كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ئوخشاش ياشتىكىلەرمۇ، مەريەم ھەدە بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار تىنچلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، مەريەم ھەدە ئۇلارنى ماڭا بىر- بىرلەپ تونۇشتۇردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا ئارلىشىپ ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئىشىڭىزغا دەخلى قىلمايلى، بىز چىقايلى، 5- بىنادىكى زۆھرەگۈلنىڭ دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرى ئىدى. شۇ يەرگە بارماقچ ئىدۇق، دىيىشىپ بىرەر پىيالە چاي ئىچىڭلار دەپ تۇتقىنىمغا ئۇنىماي سىرتقا مېڭىشتى.

    ئۇلارنى ئۇزىتىپ چىققاچ ھويلىدا ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان چوڭلارنى، بىللە خۇشال ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى ئەشۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئويناپ چوڭ بولغان مەھەللەمگە كېلىپ قالغاندەك قەلبىمنى بىر خىل يېقىملىق تۇيغۇ ئىسكەنجىگە ئالدى. مەن راستىنلا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىزدىگەن نەرسەمنى تاپقاندەك قىلاتتىم.

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز