بىر ئىستاكان سودا پاراشوكىنى توڭلاتقۇغا ئۈچ ئاي قويۇپ قويسا، توڭلاتقۇدىكى سېسىق پۇراق يوقۇلىدۇ.
كىيىم-كېچەك يۇيىدىغان سۇغا بىر پىيالە سودا پاراشوكى سېلىپ يۇيسا، كىيىم-كېچەكلەردىكى سېسىق پۇراق يوقۇلىدۇ.
گىلەم ئۈستىگە قېلىن قىلىپ سودا پاراشوكى سېپىپ، بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازىلىۋەتسە، گىلەمدىكى سېسىق پۇراق يوقۇلىدۇ.
ئاياق ئىچىگە ئازراق سودا پاراشوكى سېپىپ قويسا، ئاياقتىكى سېسىق پۇراق يوقۇلىدۇ.