تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللارنىڭ تېرىسىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

   1. ئاشپۇرچاق ئاشپۇرچاقنىڭ ‹‹داغنى يوقىتىپ، تېرىنى نۇرلۇق قىلىش›› رولى بار ئىكەن. يېقىنقى تەتقىقاتتا ئاشپۇرچاق تەركىبىدە ۋىتامىن Aئېلېمېنتىنىڭ موللۇقى بايقالغان. ۋىتامىن Aئېلېمېنتى تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ بەدەندىكى ۋىتامىننى تولۇقلاپ، تېرىنى سىلىق، نۇرلۇق كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدىكەن.

    2. ئاق تۇرۇپ جۇڭگو تېبابىتىدە ئاق تۇرۇپ ‹‹بەش ئەزاغا پايدىلىق، تېرىنى ئاقارتىدىغان يېمەكلىك›› دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، قارا پىگمېنتلارنىڭ بىرىكىشىنى توسىدىكەن، بەدەندىكى ماينىڭ ئوكسىدلىنىشى ۋە لىپوفۇسىننىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى توسىدىكەن.

    3. پالەك پالەك تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىن ۋە تۆمۈر مول بولۇپ، تېرىنى ئاسراش ۋە تىرناقنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاش رولى بار ئىكەن.

    4. مەرۋايىتگۈل مەرۋايىتگۈل تەركىبىدە سېلىن مول بولۇپ، قېرىلىقنى كېچىكتۈرۈش، ياغ ھەددىدىن ئارتۇق ئوكسىدلىنىش بىلەن مۇناسۋەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېرىنى ئاقارتىش رولى بار ئىكەن.

    5. تاتلىقياڭيۇ تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل، ۋىتامىن C، ۋىتامىن A بار بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىش، تېرە ئاستىدىكى ماينى ئازايتىش، بۆرەك بىلەن ئاشقازاننى ياخشىلاش ۋە تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار ئىكەن.

    6. يەر مەدىكى يەر مەدىكىنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددا مول بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ۋىتامىننىڭ ماينى سىېرىش رولى بار ئىكەن. ئاياللار كۆپرەك يەپ بەرسە، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

    7. ئۈندۈرمە ئۈندۈرمىنىڭ يۈزدىكى داغلارنى، بولۇپمۇ قار داغ ۋە سەپكۈن قاتارلىقلارنى ئازايتىش ۋە تېرىنى ئاقارتىش رولى بار ئىكەن.

    8. تەرخەمەك تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن، ئاممونىي كىسلاتا ئىيونى ۋە مېۋە كىسلاتاسى بار بولۇپ، تېرىنى ئاقارتىش، داغ چۈشۈرۈش، ئاپتاپتىن كۆيۈپ كەتكەن يارىنى ساقايتىش، تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى پەسەيتىش رولى بار ئىكەن.

    9. تەكىيە كاۋا تەكىيە كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا سىنك، ماگنىي بار بولۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇش، تېرىنى جانلىق قىلىش ۋە ئاقارتىش رولى بار ئىكەن.

زۆھرەگۈل ئابلىمىت تەييارلىغان

 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز