ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
سائەت تاقاپ ئۇخلاش. سائەت تاقاپ ئۇخلىغاندا، سائەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى قىسقارتىپلا قالماي يەنە سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق. چۈنكى ئادەم ئۇخلىغاندا قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، سائەت تاقاپ ئۇخلىغاندا بېغىشنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولمايدۇ، ئەگەر فوسفورلۇق سائەت تاقاپ ئۇخلىغاندا، رادىئاتسىيە مىقدارى گەرچە ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانچە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يالغان چىش بىلەن ئۇخلاش. ھەرىكەتچان يالغان چىش سالغۇچىلار چىشنىڭ ھەزىم قىلىش يولىغا ياكى نەپەسلىنىش يولىغا كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىغاندا بۇ چىشنى سېلىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.
باغىرداق تاقاپ ئۇخلاش. تەكشۈرۈشلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باغىرداق تاقاپ ئۇخلىغاندا، ئوڭايلا سۈت بېزى راكى كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇزۇن مۇددەت باغىرداق بىلەن ئۇخلىغاندا كۆكسىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ئەتراپتىكى لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلار دەل ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەي، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى نورمال سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى راكقا ئايلىنىدۇ.
يانفون بىلەن ئۇخلاش. بەزىلەر سۆزلىشىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئاخشىمى ئۇخلايدىغان چاغدا يانفوننى ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويىدۇ، يانفوننى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئارىلىقى ۋە ئوخشاش بولمىغان قېتىمدا ئېلېكترونلۇق ماگنىت دولقۇنى قويۇپ بېرىلىدۇ-دە، ئېلېكترونلۇق تۈتەك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ.
گىرىم بىلەن ئۇخلاش. گىرىم قالدۇقى بىلەن ئۇخلىغاندا گىرىم بۇيۇملىرى تېرىنىڭ تۆشۈكىنى توسۇپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نەپەسلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دانىخورەك پەيدا قىلىپ، چىرايغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى گىرىم بۇيۇملىرىنى تازىلاپ، تېرىنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.
بەدىنىنى چىڭ تۇتىدىغان كىيىملەر بىلەن ئۇخلاش. ئاياللار كۈندۈزدە بەدىنىنى چىڭ تۇتۇدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەۋرىشىم قامىتىنى كۆرسېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كەچتە بۇ كىيىملەر بىلەن ئۇخلاشنىڭ پەقەتلا زۆرۈرىيىتى يوق. كەچتە بۇ كىيىملەر بىلەن ئۇخلىغاندا نەپەسلىنىشكە تەسىر يېتىدۇ، ئۆپكە توقۇلمىلىرى تولۇق كېرېلەلمەي، سۈمۈرگەن ھاۋانىڭ مىقدارى ئازىيىپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەدىننى چىڭ تۇتۇدىغان كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئازادە كىيىملەر بىلەن ئۇخلاش كېرەك.
پايپاق كىيىپ ئۇخلاش. بەزى كىشىلەر قىش كۈنلىرى ئىسسىق تۇرۇش ئۈچۈن پايپاق كىيىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلسا بولمايدۇ، پايپاق بىلەن ئۇخلىغاندا پايپاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئوشۇقنى چىڭ بوغۇپ، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇخلىغاندا قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن پايپاقنى سېلىۋېتىپ ئۇخلاش كېرەك.