تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلغاندا يۈزىڭىزنى يۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ

جەمىئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېر تېزلا خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەمرايىمىز بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساغلامقىمىزغىمۇ ئاز بولمىغان تەھدىدلەرنى ئېلىپ كەلدى.

كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىئاتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن تەدىرىجى تېرىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ داغ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشۇشۇپ كىتىشى، قورۇق، كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قارداپ قېلىشقا ئوخشاش نورمالسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا رادىئاتسىيەسى تۆۋەن، پارقىرمايدىغان، كۆرسىتىشى مۇقىم بولغان كومپيۇتېر ئېكراننى سەپلەش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران بولسا تېخىمۇ ياخشى. كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا مۈمكىن بولسا يۈزنى ئاسىراش مېيى سۈركىۋېلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۆپ كومپيۇتېر قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى لازىم. ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇشى كېرەك. چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ غەيرى يىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز