بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Survata نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۈچ چوڭ كۆچمە مەشغۇلات سۇپىسى ئىچىدە، پەقەت Windows Phone ئابونتلىرىلا بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان iPhone6 يانفونىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاپ باقمىغان. Survata نىڭ ئابونتلارنىڭ رايىنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولىشىچە، Windows Phone ئابونتلىرىنىڭ سادىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. %6 قارا بۆلجۈرگەن ئابونتى بەلكىم iPhone6 نى سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن، 5% Android ئابونتلىرىنىڭمۇ iPhone6 نى سېتىۋېلىش مۇمكىنچىكىلىكى چوڭ ئىكەن، پەقەت %3 Windows Phone ئابونتىنىڭ iPhone6 نى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. Survata ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، زىيارەت قىلىنغان 889 نەپەر ئابونت سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىشلىتىۋاتقان يانفونلىرىنى iPhone6 غا ئالماشتۇرۇشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدىغانلىرى يەنىلا iPhone5 ئابونتلىرى بولۇپ، تەخمىنەن %36 iPhone5 ئابونتلىرى iPhone6 نى ئىشلىتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش مىكروسوفت ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خوشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپ، مىكروسوفت ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ يانفونى ۋە تاختا كومپىيوتېرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش يولىدا ئىزدىنىپ كەلگەن. بۇ يىل 4-ئايدىن 9-ئايغىچە مىكرو سوفتنىڭ Lumia ئابونتلىرى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان يانفون بازىرىدا، مىكروسوفت شىركىتى بەخۈدۈك ئارام ئالسىمۇ بولىدىكەن.