پەرزەنت تەربىيەسى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەربىيە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەردىكى تەربىيەمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ، بەزى ئاتا – ئانىلار بولسا ‹‹بالام مەندىن چۆچىسۇن››، دەپ ‹‹ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىۋالىدۇ. بالىلارنىڭ قانداقلا تەلىپى بولسا، ھەممىسىگە ‹‹ياق›› دەپلا جاۋاب بېرىدۇ. بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان دەۋردە بۇنداق باشقۇرۇش ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بۈگۈنكى ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە دائىر بىلىملەرنى داۋاملىق ئۆگىنىشى ناھايىتى زۆرۈر. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئىشنى، ئالدى بىلەن، پەرزەنتىنى چۈشىنىشتىن باشلاش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىش كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىدىن داۋاملىق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيەسىدە، بالىلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش ئۇلارغا خاتالىقىنى تونۇتۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل. بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنىڭغا سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي، ئۇرۇش، تىللاش ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، بەزىدە بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئاتا – ئانىسىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى كۈتىدۇ. لېكىن، بەزى ئاتا – ئانىلار بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ھامان، ئۇلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي، ئىشنىڭ ئاق – قارىسىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپلا، ئاچچىقلاپ كېتىدۇ.
پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتا – ئانا ئوبرازى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاتا – ئانىلار يۈرۈش – تۇرۇش، گەپ – سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى