تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭ كەسپى مائارىپى دۇنيا بانكىسىنىڭ 50 مىليون قەرزىگە ئېرىشتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تاشقى مەبلەغ تۈرى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ شىنجاڭ كەسپى مائارىپىغا قەرز بېرىش تۈرى رەسمىي قوزغىتىلىپتۇ، مەزكۇر تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 102 مىليون 680 مىڭ دوللار بولۇپ، تۈرگە مەسئۇل ئورۇن ئۆزى توپلايدىغان مەبلەغ 52 مىليون 680 مىڭ دوللار، دۇنيا بانكىسى شىنجاڭ كەسپى مائارىپىنى قوللاشقا ئاجراتقان قەرز 50 مىليون دوللار ئىكەن. 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ كەسپى مائارىپ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كەسپى تەربىيەلەش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كەسپى تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بوشلۇقى بار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىمۇ تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە يېتىشەلمەيدىكەن. مەزكۇر تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، شىنجاڭدىكى كەسپى تېخنىكا مەكتەپلىرىدىكى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: جۇڭگو مائارىپ تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز