تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سالىدىغان «قاتىل» لار

 تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، ئايپەد ۋە يان تېلېفون: بىز تىلغا ئالغان بۇ نەرسىلەر ھەرقانداق ئائىلىدە بار، بىراق بۇ نەرسىلەردىن چىققان نۇر بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سالىدۇ، شۇنداقلا توختاۋسىز چاقناش ۋە تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى چارچىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بالىلارنىڭ بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويمىغان، ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندىمۇ ئىشلىتىش ۋاقتىغا چوقۇم چەك قويغان، ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردىن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان ياخشى.

    لازېر نۇرلۇق قەلەم: نۇرغۇن يايمىكەش بىز دەۋاتقان بۇنداق لازېر نۇرلۇق قەلەملەرنى ساتىدۇ، ئۇنىڭ رەڭدار تۇرقى ۋە نازۇك شەكلى بالىلارنى بەكلا جەلپ قىلىدۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «لازېر نۇرى ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك نۇر، ئەگەر ئۇ بالىلارنىڭ كۆزىگە بىۋاسىتە چۈشىدىغان بولسا، چوقۇم مەڭگۈلىك زىيان سېلىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا بالىلارنىڭ بۇ نەرسىلەرگە يېقىن يولىشىغا يول قويماسلىق كېرەك».

    چاقماق لامپا

    سىنئالغۇ ۋە فوتۇ ئاپپاراتنىڭ چاقماق لامپىسىمۇ بىر خىل كۈچلۈك نۇر، گەرچە يېنىش ۋاقتى كۆزنى – يۇمۇپ ئاچقىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر چاقماق چىراغ بىلەن ئۇچرىشىش قېتىم سانى كۆپىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا بالىلارنى سۈرەتكە چۈشۈرگەندە، چوقۇم ئاپپاراتنىڭ چاقماق چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

ئۆي ئىسسىتقۇچ: بۇ نەرسىنى كۆپىنچىمىز كىچىك قۇياش، دەپ سۈپەتلەيمىز بىراق ئۇنىڭ ھاۋانى ئىسسىتىش پىرىنسىپى ئېنفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق ئىسسىتىش بولغاچقا، يەنىلا بالىلارغىلا ئەمەس، قۇرامىغا يەتكەنلەرگىمۇ زىيان قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆينى ئىسسىتىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سالىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلمىغان ياخشى.

قۇرۇتقۇچى دورىلار: بازاردا سېتىلىۋاتقان قۇرۇتقۇچى دورىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھاك، شۇڭا سۇ بىلەن ئۇچراشقاندا ئىنتايىن يۇقىرى ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ، ئەگەر ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كېتىدىغان بولسا، كۆزنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار بۇنداق قۇرۇتقۇچى دورىلارنى ئويۇنچۇق قاتارىدا ئوينايدۇ، ناۋادا ئۇلار ئۇنى بوتۇلكىدىكى سۇغا سالىدىغان بولسا، سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ، ھەتتا بوتۇلكىنى يېرىۋېتىدۇ.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى



ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز