تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (45) - قىيادىن سەكرىگەن كۆزەينەك

تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى(45)

قىيادىن سەكرىگەن كۆزەينەك

ساقچى تەرەپ مەشھۇر سەيلىگاھ شىنخەيزى يېنىدىكى قىيا ئاستىدا بىر ئەرنىڭ جەسىتى بايقالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالدى. 

رازۋېدچىكلار بوشلۇقى چاۋ بىن بىرنەچچە ماھىر ياردەمچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، جەسەت قىيا ئاستىدىكى تاش ئۈستىدە دۈم ياتاتتى، قىيا ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، قىيا ئۈستىدە ئۆلگۈچىنىڭ بىر پاي ئايىغى تۇراتتى، جەسەت قانغا بويالغان ھالدا دۈم ياتاتتى، ئۇچىسىدا پەلتو بولۇپ، بىر پۇتى يالاڭئاياغ، كۆزەينىكى بۇرنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالغانىدى. 

خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلگۈچى يېقىندا سودىدا مەغلۇب بولغان، لېكىن قەيسەر ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق مەغلۇبىيەت بىرىنچى قېتىم ئەمەس ئىدى، بۇ ئادەمنىڭ خاراكتېرىدىن ھەرگىز مۇنداق يولنى تاللىمايدۇ، دېيىشتى. 

ياردەمچىلەر يەر شارائىتى، نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن بىردەك ئۆلىۋالغان، دەپ يەكۈن چىقاردى. 

چاۋ بىن ئۇنداق قارىمايتتى، لېكىن ئۇمۇ دەماللىققا ئىشەنچىلىك ئىسپات تاپالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەسەت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز: «توختاڭلار! ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار- بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى، جەسەتنى باشقىلار مۇشۇ يەرگە ئەكېلىپ ئاندىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان ساختا مەيداننى ياساپ قويغان» دېدى. 

ياردەمچىلىرى ۋە ئەتراپتىكىلەر نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي غۇلغۇلا قىلىشماقتا ئىدى.

 رازۋېدچىكلار باشلىقى زادى نېمىنى بايقىغاندۇ؟ ئۇ زادى نېمىگە ئاساسەن مۇشۇنداق كەسكىن ھۆكۈم قىلىدىغاندۇ؟ 


رازۋېدكا ھېكايىلىرى (44) نىڭ جاۋابى:

رازۋېدچىك ھېنرىنىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتى فوسفورلۇق ئىدى، ساۋ شيۇڭفېي ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇرغاندا سائەت نۇرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلۋالغان بولۇپ، ھېنرى قايتىپ كەلگەندە سائەت پارقىراپ نۇر چىقىرىپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن ھېنىرى ئۆيگە ئادەم كىرگەنلىكىنى بىلىۋالغان. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز