تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
«ئەسكى ئەر» لەر بىلەن «ياخشى ئەر» لەر

كۆڭلىدىكىدەك «ياخشى ئەر» نى تېپىش ھەربىر ئايالنىڭ ئۈمىدى بولسا كېرەك، بىراق ئاياللارغا «ياخشى ئەر» گە قارىغاندا «ئەسكى ئەر» نىڭ بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكىم كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە گېپى بولىۋاتقان «ئەسكى ئەر» قانداقتۇر ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى كەسپ قىلىۋالغان ئەرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قارىماققا خىيالى تەسىر بېرىدىغان، ھە دېسىلا شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا «دۇرۇس» كۆرۈنمەيدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەر يۇمۇرىستىك، زېرەك، كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان كېلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئۈجمە كۆڭۈل، ئىشەنچىسىز، مەسئۇلىيەتسىز تەسىر بېرىدۇ، شۇ سەۋەبلىك «ئەسكى ئەر» لەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئارتۇقچىلىقلىرى كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى نۇرغۇن «ياخشى ئەر» لەر بىر ئۆمۈر ھازىرلىيالمايدۇ، شۇڭا قىزلارغا تەۋسىيەم، ئەرلەرگە تاشقى قىياپىتى، تۇنجى بەرگەن تەسىرى بىلەنلا باھا بېرىشكە ئالدىرىماي، ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. «ئەسكى ئەر» بەلكىم سىز ئىزدەۋاتقان كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەر بولۇشى مۇمكىن.
ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەر ئۆزىنى تۇتىۋالغان كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ھەيران بولماڭ، چۈنكى «ئەسكى ئەر» لەر كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا، ئانچىكى ئىشلارغا كۆز قىرىنى سېلىپ كەتمەيدۇ. «ياخشى ئەر» لەر بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار توي قىلىش يېشىغا يەتمىگۈچە، مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ، شۇڭىمۇ بۇنداق ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.
ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەرنىڭ ئۆز ھېسياتىغا بولغان چۈشىنىشى ئېنىق بولىدۇ. مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەي: «ياخشى ئەر» لەرنىڭ ئالدىغا بىرلا خىل مېۋە، يەنى ئالما قويدۇق دەيلى، ئۇلار ئامالسىز يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىراق كۆڭلىدە باشقا مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشنى ئويلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقا مېۋىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە، لېكىن كۆپنى كۆرگەن «ئەسكى ئەر» لەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق مېۋىگە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ھەرگىز ئالما يەپ ئولتۇرۇپ، باشقا مېۋىنىڭ خىيالىنى سۈرمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شەخسىي قاراش، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئۆزىڭىزىدىن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز