تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر

 قىشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلاش بەك مۇھىم ، قېلىن كىيىنىشتىن باشقا، يېمەك- ئىچمەكنىڭ جايىدا بولۇشىمۇ بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا پايدىلىق. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى  مۇنداق دېيىشتى : بەزى يېمەكلىكلەر بەدەننى قىزىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسىل مول يېمەكلىكلەر خۇددى يېقىلغۇغا ئوخشايدۇ، بىراق ئاقسىل مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، لوق گۆش، شورپا ياكى سۇلۇ يارمىسىغا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قوشۇپ يەپ، ياغنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا، لامنارىيە، قزىل دېڭىز يوسۇنىغا ئوخشاش تەركىبىدە  يود كۆپ يېمەكلىكلەر؛ قارا كۈنجۈت، ئاپتاپپەرەس، سۈت مەھسۇلاتى ۋە يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلاردا ئامىنو كىسلاتا مول، شۇڭا بەدەننىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: سوغۇقتىن قورقۇش يېمەكلىك تەركىبىدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ ئاز -كۆپلۈكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.ناۋادا بەدەندە ماگنىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق مېنېرال ماددىلار كەم بولسا ئادەم توڭغاق بولۇپ قالىدۇ. سەۋزە، نىلۇپەر يىلتىزى، بەرەڭگە قاتارلىق يىلتىزسىمان كۆكتاتلاردا مېنېرال  ماددا كۆپ، شۇڭا قىشتا بۇ يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ بەرسە، بەدەننى ئىسسىق تۇتقىلى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/08/content_477830.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز