1. ھايالىق ئاياللار قول تەگمىگەن خەزىنە ، ئۇلار خايالىق بولغانلىقتىن شۇنداق شەرەپكە ئېرىشكەن .
2.ئايالنىڭمۇ ،ئەرنىڭمۇ ئەڭ ياخشى بېزىكى راسچىللىق ۋە ھالاللىقتۇر .
3.ئاياللار گۈزەللىكى ، ئۇلارنىڭ بىر خىل مەنىۋى كۈچ -قۇدرىتى .ئۇ پەرزەنت تەربىلەيدىغان كۈچ -قۇدرەتكە ئېگە بۇلۇپلا قالماي ، بەلكى ،ئېرىنىمۇ تەربىلەيدىغان كۈچ -قۇدرەتكە ئېگە .
4.گۈزەللىك كىشىگە ئېقتىدار ئاتا قىلىدۇ ، ئۇنى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقتۇرىدۇ ۋە سۈيۈملۈك قىلىدۇ .
5.گۈزەل چىراي بىلەن سېھرى كۈچ ،ئەسلىدە ئىككى خىل مۇھىم نەرسە . بەختكە يارىشا پۈتۈن ساھىپجاماللاردا سېھرى كۈچ بولمايدۇ . كۆپىنچە چىرايى ئادەتتىكىچە بولغان ئاياللاردا ئەكسىچە يەنە بىرخىل جەزبىلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ .
6.ئەخلاقتىن ئايرىلغان گۈزەللىك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ،غايىپ بۇلىدۇ . گۈزەل چېھرىڭىزدە ياخشى روھ بولغاندىلا ئاندىن ، گۈزەللىكىڭىز مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ .
7.گۈزەل چىراي ئىستىتىك ھەۋەس قوزغىيالىسىمۇ .خۇشتارلىق ياكى سۆيگۈ قوزغالىشى ناتايىن!