ئاياللار ھامىلدار بولۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا بېلى ئاغرىشقا باشلايدۇ. ھامىلداردا بۇنداق چاغدا ئولتۇرۇش-قوپۇش ھالىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئولتۇرۇش-قوپۇش ۋاقتىنىڭ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوڭدىسىغا ياتقاندا تىزىنىڭ ئاستىغا ياستۇق قويۇۋالغاندا، بەل كارىۋاتقا تېگىپ راھەت بىلىنىدۇ. يانچە ياتقاندا پۇتنىڭ ئارىسىغا ياستۇق قويغاندا، ئولتۇرغۇچ نېرۋىلارنىڭ بېسىمى يەڭگىللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بەل ئاغرىقىدىن ساقلىنىشتا، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ھامىلدارلارنىڭ مەخسۇس بەلبېغىنى تاقاش.
2. ئورنىدىن تىز تۇرماسلىق ، ئۈستەل-ئورۇندۇقنى تۇتۇپ ئاستا تۇرۇش.
3. ماس كېلىدىغان ئورۇندۇقنى تاللاپ ، ئورۇندۇق يۆلەنگۈچىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇش.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/15/content_480049.htm