يېقىندا مەلۇم بىر تاراتقۇ 2013-يىلى ۋە 2014-يىلى ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە ئۆتۈش نىسبىتى تىزىپ چىققان.
بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق 3 بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە ئۆتۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆتۈش نىسبىتى %20 دىن يۇقىرى ئىكەن. بۇ، بۇ شەھەرلەردىكى ھەر 100 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 20 ئوقۇغۇچىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، 4-ئورۇندىن 16-ئورۇنغىچە تۇرىدىغان ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە ئۆتۈش نىسبىتى %20~%10 گىچە ئىكەن. بۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئىچىدە 7 سى غەربىي رايوندىكى ئۆلكىلەر ئىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈش نىسبىتى %13 گە يېقىنلاشقان بولۇپ، 11-ئورۇندا تۇرىدىكەن.