تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساقلىنىۋاتقان خاتا قاراشلار


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

قىشتا كىشىلەر ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: كىشىلەر قوللانغان نۇرغۇن ئىسسىق ساقلاش ئۇسۇلىدا چوڭ مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن مۇنداق بىر نەچچە خىل  خاتا قاراشلارمۇ يوق ئەمەس.

ئىسسىق ساقلاش چاپلىقىنى پۈتۈن بىر كۈن چاپلاش: گەرچە ئىسسىق ساقلاش چاپلىقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق بەدەن ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچراشسا، بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى نەرسىلەر يەنىلا تېرىگە زىيان سالىدۇ. شۇڭا تېرىسى ئىسسىققا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر، ياشانغانلار، يەنە دىئابېت كېسىلى بار كىشىلەرگە بۇ خىل چاپلاق مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار، ھامىلىدار ۋە ھامىلدار بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان ئاياللارمۇ بۇ خىل چاپلاقنى ئىشلەتمىگىنى ياخشى، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

توك ئەدىيالنى تاڭ ئاتقىچە ئېچىپ قويۇش: قىشتا ئادەم تېنىدىكى تېرە يېغى تېز ئېرىيدۇ، شۇڭا توك ئەدىيالنىڭ قىزدۇرۇشى تېرىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ تېرىنى تېخىمۇ قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە قىچىشىدىغان ھەتتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم ئۇخلىغان چاغدا كۆپ ئۆرۈلمەيدۇ، نەتىجىدە ئىسسىقلىق مەنبەسى بىلەن ئۇزاق ئۇچرىشىدىغان دۈمبە، ساغرا ۋە يوتىنىڭ ئارقا يۈزىگە قىزىل مۇنەكچىلەر ئۆرلەپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، دائىم توك ئەدىيال ئىشلەتكەندە بەدەن يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيۈپ قېلىش خەتىرىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئەگەر چوقۇم توك ئەدىيال ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن توكقا ئۇلاپ يوتقاننى ئىسسىتىۋالغاندىن كېيىن، توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش ئەڭ توغرا ئۇسۇل.


سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاش: نۇرغۇن ئادەم مۇنداق دەپ قارايدۇ، قىشتا ماسكا تاقاش ئىسسىق ساقلاشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى، بىراق ئادەم دائىم ماسكا تاقىسا بىرىنچىدىن، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە پۈتكۈل نەپەس يولىدىكى شىللىق پەردىلەر چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىش بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ماسكا يەنە ئېغىز ۋە بۇرۇندىن چىققان كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ ۋاقتىدا تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ، ئوكسىگېننىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەنگە نۇرغۇن كېرەكسىز گازنىڭ كىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن ماسكىغا يەنە مىكروبلار ئۇۋىلاپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بار، شۇڭا بۇرۇنغا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان ماسكا بەدەنگە زىيان سالىدىغان مىكروبنىڭ مەنبەسى بولۇپمۇ قالىدۇ.



ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.net
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز