تەنھەرىكەت ئارقىلىق تەرلەش:بەدەن سۈپىتى ۋە شارائىتقا بېقىپ مۇۋاپىق ھەرىكەتنى تاللاپ ئىشلەپ بەرسە، بەدەندىن تەر چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، لېكىن تەر ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ چىقىپ كەتسە، يەنە تەرلىگەندىن كېيىن شامالداپ قالسا بولمايدۇ.
ئىلىمان سۇدا يۇيۇنۇش:ئىلىمان سۇ بىلەن يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ نەملىكى ئاشىدۇ، ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ بەدەندىن تەر چىقىدۇ. بۇ خىل تەرلەش ئۇسۇلى بىر قەدەر بىخەتەر، ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلايدۇ.
يەپ-ئىچىش:تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى ئۆيدە بىر~ ئىككى ئىستاكان قايناق سۇ ياكى قىزىقراق تاماق يەپمۇ تەرلەشكە بولىدۇ.
يۆگىنىش: ئەتىيازدا ئەتىگەن كەچلىرى ھاۋا بىر ئاز سوغۇق بولىدۇ، بۇنداق چاغدا ئازراق قايناق سۇ ئېچىپلا يوتقانغا يۆگىنىپ ياتسا، ئادەم تەرلەيدۇ ھەم ئاسان ئۇخلىيالايدۇ.