تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللارنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ

مەمتىمىن ياقۇپ

ئايالسىز ئائىلىنى، دۇنيانى، ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئانىسىز پەرزەنتنىڭ بەختى ئېچىلماس، ئايالسىز ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى بولماس، ئايالسىز بۇ دۇنيانىڭ، بۇ ھاياتنىڭ بەھرى ئېچىلماس. پەزىلەتلىك ئايال جاپالىق ئەجىر – مېھنىتى بىلەن گۈزەل ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ ئەخلاقلىق ئايال ئەرنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ؛ مېھىر – مۇھەببەتلىك ئايال ئاتا – ئانا، قېيىنئاتا – قېيىنئانىنى، ئەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى يېقىن تۇغقانلارغا ئايلاندۇرۇپ، مۇستەھكەم ئۇيۇشقان بىر ئائىلىنى، ئائىلىلەر كوللېكتىپىنى بەرپا قىلالايدۇ. غايىلىك ئايال پەرزەنتلىرىنى بىلىملىك، ۋەتەن – مىللەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايدۇ. دېمەك، ئائىلە ئەزالىرىنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان، ئائىلە ئىگىلىكىنى يۈرۈشتۈرەلەيدىغان، پەرزەنتلەرنى، ئەرنى ئىلگىرىلەشكە، يۈكسىلىشكە، تەرەققىياتقا باشلىيالايدىغان ئايال ھەقىقىي لاياقەتلىك ئايال بولالايدۇ.

 ئايال جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى، جەمئىيەتنىڭ خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، تەشكىللىگۈچىسى، يېتەكلىگۈچىسى. ئايال ئەخلاقسىز، قانائەتسىز بولسا، بۇنداق ئاياللار بىلەن تولغان جەمئىيەت ئىنتايىن چۈشكۈن، چىرىك، خۇنۈك بولىدۇ. ئەگەر ئايال گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولسا، بۇنداق ئاياللارغا كۆپرەك ئېرىشكەن جەمئىيەت تولىمۇ تەرتىپلىك، گۈزەل بولىدۇ. ئەگەر ئايال ئۇلۇغۋار غايىگە، ئىلغار روھقا، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتىگە ئىگە بولسا، بۇنداق ئاياللارغا قول بەرگەن جەمئىيەت ناھايىتى تېز يۈكسىلىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ساھەلىرىدە ھالقىلىق مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئالغان جاسارەتلىك ئاياللار، ئىلىم مۇنبەرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ تەڭداشسىز بىلىمى، كەشپىياتى، مول ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن ئەرلەر دۇنياسىنى تاڭ قالدۇرۇۋاتقان ئىقتىدارلىق ئاياللار، ئۆينى گۈلدەك تۇتۇپ، پەرزەنتنى ياراملىق تەربىيەلەۋاتقان، ئىشنى گۈل – گۈلىگە كەلتۈرۈپ، ئاياللىق نەمۇنىسىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى يارىتىۋاتقان، ھالال ئەمگەك – مېھنىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، جەمئىيەتنى يېتەكلەۋاتقان ئاياللار ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ ئەرلەردىن قېلىشقۇسىز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىياتنىڭ كۆزنىكىگە، يېتەكلىگۈچىسىگە ئايلانغان مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قىز – ئاياللىرىنى يۈكسەك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن. چۈنكى ئايال ئائىلىدە تەربىيەچى، پەرۋىشكار. ئۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئېرىنىمۇ تەربىيەلەيدۇ. ئايالنىڭ ئائىلىدە ئۆتىگەن تەربىيەچىلىك رولىنىڭ ئورنىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەكتەپمۇ ئالالمايدۇ، ئانا پەرزەنتىنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرىدىغان روھنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل مەكتەپمۇ سىڭدۈرەلمەيدۇ.

شۇڭا ئائىلىنىڭ روناق تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئالدى بىلەن شۇ ئائىلە، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئايال ئەزالىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئوينىغان مۇھىم رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاياللارنى كۆپرەك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئائىلە، جەمئىيەت، مىللەت، دۆلەت ھامان تەرەققىيات پۇرسەتلىرىگە كۆپرەك ئېرىشەلەيدۇ، تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا ماڭالايدۇ، زۆرۈر يېتەكلەش كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-03/04/content_505567.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز