بەختنىڭ يەنە بىر يۈزى
− يەنە «چىن مۇھەببەت» فىلىمى ھەققىدە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
بەخت خاتىرجەملىكتىن دېرەك بېرىدۇ. بەختلىك ئادەمنىڭ چىرايى ھەمىشە خۇشاللىق بىلەن تولغان بولىدۇ. بەختلىك ئائىلىلەردىن خۇشال كۈلكىلەر، بەخت ناخشىلىرى ياڭرايدۇ. بەختلىك دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى خاتىرجەم، بەختىيار ياخشايدۇ. خۇددى بەش بارماق ئوخشاش بولمىغاندەك دۇنيادا ھەممە ئادەم بەختلىك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا بەخت بىلەن بەختسىزلىك تەڭلا مەۋجۇت. بەخت بىزنى قوغلىمايدۇ، ئەكسىچە بىز بەختنى قوغلايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتىگە تايىنىپ بەختكە ئېرىشىمىز. شۇڭا كونىلار: «بەخت كېلىدۇ نەدىن، پېشانەڭدىكى تەردىن. بەخت گۈلى ئېچىلار، جاپالىق ئىشلىگەن يەردىن» دەپ بىكار ئېيتمىغان. بەختلىك ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر كىشىدىن «سىز بەختنى قانداق قولغا كەلتۈرگەن؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇ چوقۇم: «تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بەخت ئىناقلىق، خاتىرجەملىك ئىچىدە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق بەختنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ. يېقىندا تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى ئىشىلگەن، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئون ئۈچىنچى قېتىملىق مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون مۇنەۋۋەر ئانا» نىڭ بىرى بولغان ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان «چىن مۇھەببەت» ناملىق فىلىم جەمئىيەتتە زور تەسىر پەيدا قىلدى. فىلىمنىڭ ئىدىيىۋىلىكى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىنغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۇنىڭدا دەۋر روھىمۇ چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىناقلىقنىڭ، ئىتتىپاقلىقنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، مىننەتسىز بېغىشلاشنىڭ جاراڭلىق كۈيى ياڭرىتىلغان. فىلىمدە ھەنىپە ئالىماخۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق شارائىتتا ئوقۇشسىز، بېقىشسىز قالغان ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 يېتىم بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش-ۋەقەلەر بايان قىلىنىپ، ئانىلارنىڭ مىننەتسىز بېغىشلاش روھىغا، ئالىيجاناپ پەزىلىتىگە ۋە چىن ئىنسانىي خىسلىتىگە مەدھىيە ئوقۇلغان. مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مىللەت، دىن، ئىرىق ۋە دۆلەت چېگرىسى بولمايدىغانلىقىدەك تۈپ ھەقىقەت يورۇتۇپ بېرىلگەن. ھەنىپە ئانا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى جاپالىق شارائىتتا قاتمۇ قات قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ياراتقان بەخت قوينىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان پەرزەنتلىرى بىلەن بەختلىك ياشاۋاتسىمۇ، لېكىن ئۇ بەختلىك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى ئىللىق باغرىغا چىللاپ، ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدە بەختنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئۆزىمۇ چەكسىز بەخت ئىچىدە ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سىناقلىرى ئالدىدا قىلچە ۋايسىماي، 19 بالىنى 19 گۈلدەك پەپىلەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. تىلى، چىرايى ئوخشاش بولمىغان بۇ 19 تال گۈلنىڭ بەرگىگە چاڭ-توزان قوندۇرماي، ساغلام، ئەقىللىق، چېچەن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ. ھەممىدىن تەسىرلىك يېرى شۇكى، بۇ 19 بالا ھەنىپە ئانىنىڭ تەربىيەسىدە ھەم مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، ھەم باشقىلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان چىن ئىنسانىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ. دېمەك، ھەنىپە ئانا بەختتىن بەخت ئىزدەيدۇ ھەمدە كىشىلەرگە نېمىنىڭ ھەقىقىي بەخت، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.
بەخت خاتىرجەملىكنىڭ كاپالىتى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىلغارلىقنىڭمۇ، تەرەققىياتنىڭمۇ تۈپ كاپالىتى. بەختلىك ئادەم ئائىلىسىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئىجىل-ئىناق ياشايدۇ. بەختكە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. ئوخشاش زاماندا، ئوخشاش ماكاندا بىرگە ياشاۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشى، بەختنى چۈشىنىشى ياكى بەختتىن ھوزۇر ئېلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەم پەقەت ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ، مىللەت، دىن ياكى دۆلەت پەرقىگە ئېسىلىۋالماي، بىر-بىرىگە تەمەسىز، مىننەتسىز مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، كۈچلۈك بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولالىغاندىلا ئاندىن بەختنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بەختتىن بەخت ئىزدەش ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشتا ئەمەس، بەلكى ھەنىپە ئانىدەك باشقىلار ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتۇرۇشتا تېخىمۇ يارقىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. «چىن مۇھەببەت» فىلىمى بىزگە چىن مۇھەببەتنىڭ ئېغىزدا ئەمەس، بەلكى يۈرەكتە، قەلبتە، ئەمەلىيەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۆلەت، مىللەت، يۇرت، دىن، ئىرىق چەكلىمىسى بولمايدىغانلىقىنى، بەختنىڭ ئىناقلىقتا، خاتىرجەملىكتە، تىنچ مۇھىتتا تېخىمۇ يارقىن جۇلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
بۇ ئەسەر «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2015-يىل 21-نويابىردىكى سانىدىن ئېلىندى.