ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ھەرقانداق ئېلېكترونلۇق سايمانغا توك ئۆتكۈزگەندە ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيە پەيدا بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، ھاۋا نەملىگۈچ، شامالدۇرغۇچ، يانتېلىفون زەرەتلىگۈچ، ھەتتا سىم ئۇلاش تاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيە پەيدا بولىدۇ.
يان تېلېفوننىڭ زەرەتلىگۈچىسى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كىنو قويۇش ئاپپاراتى، روزىكات ئۈستىدىكى بېسىم ئۆزگەرتكۈچلەرنىڭ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭا مۇۋاپىق بولغان ئارىلىق ساقلاش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بولۇپمۇ زەرەتلىگۈچنى كارۋاتنىڭ بېشىغا قويۇپ توك قاچىلماستىن ئاز بولغاندىمۇ بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش لازىم. كېچىسى ئۇخلىغاندا يان تېلېفوننى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە يان تېلېفون ئۇلانغان پەيتتە، توك قاچىلىغاندا سۆزلەشكەندىكى قويۇپ بەرگەن ئېلېكترو ماگنىتلىق رادىئاتسىيە ئەڭ چوڭ بولۇپ، ھاسىل بولغان رادىئاتسىيە سۆزلەشكەندىكى رادىئاتسىيەدىن 20ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا يان تېلېفوننى ئەڭ ياخشىسى بىر ئىككى سېكۇنت سايرىغاندىن كېيىن ئېلىش لازىم ئىكەن، يان تېلېفون ئۇلانغان باسقۇچتا قۇلاققا يېقىن ئەكىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيەنىڭ زىيىنىنى %80دىن %90كىچە ئازايتقىلى بولىدۇ.