بۇرۇن مېيگۇڭ دەرياسىنىڭ سۈيى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كېمىلەر ئۇياق-بۇياققا قاتناپ مال ۋە ئادەملەرنى توشۇيدىكەن.دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 40 كۈن كېتىدىكەن. كېمىچىلەر ئىچىدە بىر قارا نىيەت كېمىچى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ياللاپ ئىشلىتىدىكەنۇ، ياللانغۇچىلارغا تاماقتىن باشقا ئىش ھەققى بېرىشنى خالىمايدىكەن.
بىر قېتىم بۇ قارا نىيەت كېمىچى دۇڭلى ئىسىملىك يىگىتنى ياللاپتۇ.كېمە پىرىستاندىن يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا كېمىچى دۇڭلىغا:
-يىگىت، بۇيەردە توخۇ ئەرزان، ئۇ تەرەپتە توخۇ بەك قىممەت، سەن بىر توخۇ ئېلىۋال، ئۇ تەرەپكە بارغاندا سېتىۋەتسەك كۆپ پايدا ئالالايسەن،- دەپتۇ. دۇڭلى «بۇ كېمىچى خېلى ئاق كۆڭۈل ئادەمدەك قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ، ئىككى توخۇ سېتىۋېلىپ، كېمىگە ئېلىۋاپتۇ.
20 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېمە نىشانغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ھېسابات قىلىنىپتۇ.
-بۇ سەپەردە سېنىڭ ئىش ھەققىڭ ئۈچۈن 12 تەڭگە بېرەتتىم. لېكىن، سېنىڭ ئىككى توخۇيۇڭ نۇرغۇن يەم يېدى، يەنە ئىككى توخۇنىڭ كىراسىنى قوشساق جەمئىي16 تەڭگە بولىدۇ. شۇڭا، سەن ماڭا تۆت تەڭگە بېرىشىڭ كېرەك،-دەپتۇ كېمىچى.
دۇڭلى ئىش ھەققى ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە كېمىدىن قوغلاپ چۈشۈرۈلۈپتۇ. ئۇ ئىككى كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىر بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ ۋە قارا نىيەت كېمىچىگە تاقابىل تۇرماقچى بوپتۇ. دۇڭلى بازاردىن ئوپمۇئوخشاش شەمشەردىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، قوينىغا تىقىۋاپتۇ، ئاندىن پىرىستانغا بېرىپ، كېمىچىگە قايتىدىن ياللانماقچى بوپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا كېمىچى دەل كېمىسىگە ماللارنى قاچىلاپ بولۇپ، ئادەم ياللاي دەپ تۇرغاچقا، دۇڭلىنى قايتىدىن ياللاپتۇ.
بۇ قېتىم كېمىچى دۇڭلىغا:
-يىگىت بۇيەردىن ئىككى دانە ئۆردەك سېتىۋالغاچ كەتكىن، ئۇ تەرەپتە ئۆردەك ناھايىتى قىممەت، بىراق بۇ قېتىم ئۆردەككە يەم پۇلى ۋە كىرا ھېسابلىمايمەن،-دەپتۇ. دۇڭلى ئۇنىڭ دېگىنىنى قىپتۇ.
كېمە مېيگۇڭ دەرياسىدا10كۈن مېڭىپتۇ.دۇڭلى قوينىدىكى شەمشەردىن بىرنى چىقىرىپ قەستەن ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ.شەمشەرنىڭ سېپى ساپسېرىق بولۇپ، تىغى ۋالىلداپ پارقىراپ تۇرىدىكەن. كېمىچى بۇ شەمشەرنى كۆرۈپ باقماقچى بوپيۇ. دۇڭلى قەستەن تەمتىرەپ كەتكەن بولۇپ، شەمشەرنى دەرياغا چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. كېمىچى ئىنتايىن قارا نىيەت بولغاچقا، شەمشەرنى قولغا چۈشۈرۈشنى ئويلىغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن كېمىچى دۇڭلىغا دەرياغا چۈشۈپ شەمشەرنى تېپىپ چىقىشنى ئېيتىپتۇ. دۇڭلى كېمىنىڭ قىرىغا بەلگە سېلىپ قويۇپ:
-بۇيەردە سۇ ناھايىتى شىددەتلىك ئېقىۋېتىپتۇ، كېمە پىرىستانغا بارغاندا مۇشۇ بەلگە بويىچە دەرياغا چۈشۈپ ئىزدەپ تاپىمەن،-دەپتۇ.
كېمە مېڭىۋېرىپتۇ. شەمشەر چوڭقۇر دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. كېمىچى ئۇ شەمشەرنى تېپىپ چىقالمايدۇ، دەپ ئويلاپ:
-يىگىت، بىز باغلىشايلى، ئەگەر پىرىستانغا بارغاندىن كېيىن شەمشەرنى تېپىپ چىقالىساڭ ئۈچ يىللىق ئىش ھەققى بېرىمەن. ئەگەر تېپىپ چىقالمىساڭ بۇ قېتىمقى ئىش ھەققىڭ، ئىككى ئۆردەك مېنىڭ بولىدۇ، يەنە ماڭا ئۈچ يىلغىچە بىكارغا ئىشلەپ بېرىسەن، قانداق، بولامدۇ؟-دەپتۇ،
-ئەمىسە كېلىشتۇق،-دەپتۇ دۇڭلىمۇ.
كېمە پىرىستانغا بارغاندىن كېيىن دۇڭلى بەلگە سېلىپ قويغان جايدىن سۇغا سەكرەپتۇ.بىردەمدىن كېيىن دۇڭلى بىر قولىدا شەمشەرنى كۆتەرگەن ھالدا سۇدىن چىقىپتۇ ھەمدە كېمىگە چىقىپ كېمىچىنىڭ گېلىغا شەمشەرنى تەڭلەپتۇ.كېمىچى قارىسا، دەل ھېلىقى ساپلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان شەمشەر دۇڭلىنىڭ قولىدا تۇرغۇدەك.
كېمىچى ئۆزىگە قاراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا گېپىدىن يېنىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، دۇڭلىغا ئۈچ يىللىق ئىش ھەققى بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
دۇڭلى ئىككى ئۆردەكنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ يىللىق ئىش ھەققىنى ئېلىپ، خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆيىگە راۋان بوپتۇ.