تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇلۇغلارنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئىزھار قىلىنغان مۇھەببەت رەت قىلىنغاندا مۇھەببەتنى كۈچ ئىشلىتىپ مەجبۇرىي قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئاشىق ئاشىق ئەمەس، بەلكى پاسىقتۇر. 

مۇھەببەت ئائىلىدىكى گۈل ئەمەس، يازدا ئېچىلىپ قىشتا خازان بولىدىغان. مۇھەببەت ئادەتتىكى بۇلبۇل ئەمەس، باھاردا سايراپ كۈزدە غايىب بولىدىغان. مۇھەببەت مەشۇقنىڭ قەلبىدە ھامان ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئەبەدىي توزىماس گۈل، ئاشىقنىڭ تىلىدا ئەبەدىي سايراپ تۇرغان ۋاپادار بۇلبۇل. 

چىن مۇھەببەت ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قولغا كەلمەيدۇ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئۈجمە كۆڭۈللۈكتۇر. 

سەن سۆيگۈنىڭنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ سۇمبۇل چېچىدىن، قەلەم قېشىدىن، ئاي يۈزىدىن، شەھلا كۆزىدىن، غۇنچە لېۋىدىن، مەرۋايىت چىشىدىن، زىلۋا قامىتىدىن، ئومۇمەن زاھىرى ھۆسىن جامالىدىن ئىزدىمەي، بەلكى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى قەلبىدىن ئىزدىگىن. 

سەن بىرنى سۆيدۈم دېدىڭ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت تىكلەندىمۇ؟ ياق! سەن ئۇنى سەمىمىي ھېسسىياتىڭ، ۋاپادارلىقىڭ، پىداكارلىق ۋە ۋىجدانىڭ بىلەن سۆيگىن، ئاندىن ئۇ مۇھەببەت بولىدۇ. 

ئەگەر مۇھەببەتكە تەبىر بېرىشكە توغرا كەلسە، چىن مۇھەببەت ئىلىم، پەلسەپە، سەنئەت، ۋاپا، ساداقەت ۋە پىداكارلىقنىڭ يىغىندىسى دېيىلسە يەنىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز