تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھامىلدارلارنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى ھەرخىل تەييارلىقلىرى

تىڭشۈن تورى خەۋىرى، :  WaterAid تەشكىلاتى يېقىندا يەتتە دۆلەتتىكى ھامىلدار ئاياللارنى تەكشۈرۈپ، ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت ئالدىدا تەييارلايدىغان نەرسىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى يەنە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنى تۇغۇت ۋاقتىدىكى تازىلىققا، تازىلىقى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغان ھامىلدارلارغا كۆپرەك دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافرىقا زامبىيەدىكى بىر ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدا تەييارلىغان بۇيۇملىرى، ئۇ تۇغۇدىغان يەردە يېتەرلىك سۇ بولمىغانلىقتىن، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى تازىلاش ئىمكانسىز، ئۇ ساپ ھالەتتە ساقلاش يالتىرىقىنى كارىۋاتقا سېلىپ، شەخسىي تازىلىققا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان.

بۇ ئامېرىكا نىيۇيورىكتىكى بىر ھامىلدار ئايال، ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن نىيۇيورىكتىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى پەقەت نەچچە مىنۇتلۇقلا يول.

بۇ ئۇ تەييارلىغان نەرسىلەر، ئۇخلاش چاپلىقى، بەدەن ئۇۋۇلاش مېيى، ئۇششاق يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، ياستۇق، ھامىلدارلار كۆرىدىغان كىتاب قاتارلىقلار.

بۇ ئافرىقا مالاۋىدىكى ھامىلدار ئايال، ئۇ تۇغۇدىغان يەردە توك، پاكىز سۇ مەنبەسى يوق، يۇيىنىدىغان يەرنىڭ تورۇسى ۋە ئىشىكىمۇ يوق.

ئۇ قول چىراغ، بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدىغان قايچا ئېلىۋىلىشقا يەنە قارا رەڭلىك ساپ ھالەتتە ساقلايدىغان يالتىراق بىلەن شەخسىي تازىلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر.

بۇ ئاۋسترالىيە مېلبۇرنىكى ھامىلدار ئايال.

ئۇ بوۋىقىغا نۇرغۇن كىيىملەرنى تەييارلاپ، بوۋىقى تۇغۇلىشى بىلەنلا راھەت كىيىملەرنى كىيىشكە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان. ئۇ يەنە يۇيۇش بۇيۇملىرى، ئۇۋىلاش مېيى، ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلىغان.

بۇ ماداگاسكاردىكى ھامىلدار ئايال.

ئۇ پاكىز سۇ تاپالايدىغان بولۇپ، ئىسپىرت، پاكىز تاياقچە پاختا قاتارلىق دېزىنفىكسىيە بۇيۇملىرىنى ئېلىۋالغان.

ئەنگىلىيە لوندوندىكى ھامىلدار ئايال.


ئۇ بوۋىقىغا كىيىم، زاكا، ئۆزىگە لۆڭگە، ئەدىيال، تاختا كومپىيوتېر تەييارلىغان.

بۇ شەرقىي ئافرىقا تانزانىيەدىكى ھامىلدار ئايال، ئۇ تۇغۇدىغان يەردە پەقەت ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي ۋە تازىلىقى ئىنتايىن ناچار ھاجەتخانا بار. بۇ ھاجەتخانىنى تۇغۇش ئالدىدىكى ھامىلدارلار ۋە يېڭى تۇغقان ئاياللار ئورتاق ئىشلىتىدۇ.

ئۇ بوۋاقلار كىيىمى، دوپپا، چايدان ۋە ئازراق چاي تەييارلىۋالغان.




ئەسلى مەنبەسى: kid.qq.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز