كۈندە بىر تۇخۇم يېيىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلەمسىز؟
كۈندە بىر تۇخۇم يېسىڭىز، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، كۆرۈش قابىلىيىتىڭىزمۇ ئاشىدۇ، ئورۇقلاشقىمۇ پايدىسى بار.
لېكىن بەزىلەر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يىسە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
لېكىن ئەتىگەندە تۇخۇم يېىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپ.
ئاقسىلنى تولۇقلايدۇ:
تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ئامىنو كىسلاتاسى تۈزۈلۈشى تېخىمۇ ياخشى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زۆرۈر ئامىنو كىسلاتانىڭ تۈزۈلۈشى ئادەم بەدىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىئولوگىيە قىممىتىمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئەڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ.
تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ:
تۇخۇم ئادەم بەدىنىنى يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئاشقازاننىڭ قۇرۇغدىلىش سۈرئىتىنى كېچىكتۈرىدۇ، شۇڭا تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاشىدۇ.
ئورۇقلاشقا ياردىمى بار:
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتىلىقتا تۇخۇم يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئېغىرلىقى كاربۇن-سۇ بىرىكمىسىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا %56 يېنىكلىگەن، روھىي جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن كۆتۈرۈڭگۈ ئىكەن.
ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ:
تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا مول لېتسىتىن، سېتىرول، ئاقسىل، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىنA،ۋىتامىنDۋەBقاتارلىقلار بار.ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بار.
ھوشيارلىقنى ئۆستۈرىدۇ:
تۇخۇمدا مول تىروسىن بار، ئۇ ئادەمنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرىدۇ.شۇڭا شوپۇرلار ئەتىگەندە تۇخۇم يىسە بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەشكە پايدىسى بار.
كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ:
تۇخۇمنىڭ سېرىقىدىكى ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا-كسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق فلاۋىنى كۆزنى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىدىن زىيىنىدىن ساقلايدۇ.
تۇخۇمنى قانداق يېسە ئوزۇقلۇق قىممىتى بار؟
يۈرەككە بولغان پايدىسى بويىچە تىزساق:
1) سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم
2) چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇلغان تۇخۇم
3) تۇخۇم پالەك شورپىسى ۋە ھوردالغان تۇخۇم
4) چېقىپ مايدا قورۇلغان تۇخۇم
5) تۇخۇم قاتلىمىسى
6) تۇخۇم قورۇمىسى
ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشى بويىچە تىزساق:
1) سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم
2) چېقىپ مايدا قورۇلغان تۇخۇم ۋە تۇخۇم قاتلىمىسى
3) تۇخۇم قورۇمىسى
4) ھوردالغان تۇخۇم
5) خام تۇخۇم